مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياپونىيە ئالىمى غەربنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەردى

2021.08.31 20:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنى يېقىندا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا ياپونىيە ئالىملىرى ئېھتىياتچان لوگىكا، ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، غەرب دۇنياسى تەرغىپ قىلغان شىنجاڭدىكى «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق سەپسەتىلەرگە رەددىيە بەردى.

  ياپونىيە چىڭيىڭ يىشۇ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى داشىگۇاڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا 11 قېتىم كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا بارغان، شىنجاڭنى تەتقىق قىلغان بولغاچقا، مەن ھازىر ياپونىيە ئىلىم ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ‹دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى› تارقاتقان، پۈتۈنلەي ئېنىقلانمىغان پىتنە-ئىغۋالارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن كىرىزىس ھېس قىلدىم.»

  «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ھەممىلا يەردە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشىنى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا تەۋە دېدى. بۇنىڭغا قارىتا، داشىگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچۇم ئارقىلىق ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى نۇرغۇن تۇغقانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئارقىلىق خىزمەت تاپقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسىنىڭ ناھايىتى خۇشال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. بۇ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە بولۇپ، ئۇچۇر ئىشەنچلىك.»

  توكيو داشۆسى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى ۋەنچۈەن جىشيۇڭ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا شىنجاڭدىكى «ئىرقىي يوقىتىش»نىڭ ھەقىقىي ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، پەقەت شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ كۆپ يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۇدا تەكشۈرسىلا، بۇ ئاتالمىش شىنجاڭدىكى «ئىرقىي يوقىتىش» ھۆكۈمىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ