مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى 3233-نومۇرلۇق (مەدەنىيەت تەشۋىقات تۈرى 139-نومۇرلۇق) تەكلىپكە جاۋاب بېرىش ئالاقىسى

مائارىپ-مىللەتلەر تەكلىپ [2021] 18-نومۇرلۇق

2021.08.31 20:51 مەنبە: خەلق تورى

  سىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىق سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»تىن ۋاقىپ بولدۇق، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىمىز:

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇچۇر دەۋرىدىكى تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بىرىنچى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى

  2015-يىلىدىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تىل كاپالىتى قۇرۇلۇشى دېيىلىدۇ)نى باشلاپ، زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ بىرلىككە كەلگەن خىزمەت ۋە تېخنىكا قائىدىسى بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى دىيالېكتىنى تەكشۈرۈش، ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، بەش يىللىق تىل كاپالىتى قۇرۇلۇشىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، تەكشۈرۈش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر)، 123 تىل تۈرى ۋە ئاساسلىق دىيالېكتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسى جەمئىي 410 بولۇپ، مانجۇ تىلى، خېجې تىلى قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان زور بىر تۈركۈم تىللار ئىلمىي، سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ ساقلاندى. تىل كاپالىتى قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە قۇرۇلغان جۇڭگو تىل بايلىقى ئامبىرى ۋە توپلاش كۆرگەزمە سۇپىسىدا توپلانغان ئۈن-سىن قاتارلىق تۈرلۈك دەسلەپكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى 10 مىليوندىن ئاشتى. قۇرۇلۇشنىڭ نەشىر قىلىش بويىچە بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى بولغان «جۇڭگو يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل تەزكىرىسى» يۈرۈشلۈك مەجمۇئەسىدىن 30 نۇسخا نەشر قىلىندى. قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتى 350 نەچچىگە، مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى 1000 دىن كۆپرەككە، كەسپىي تېخنىكا خادىمى 4500 دىن كۆپرەككە، تىل ۋە دىئالېكت تەلەپپۇز قىلغۇچى 9000غا يەتتى. زور بىر تۈركۈم ياش ئالىملار قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش ئارقىلىق چېنىقىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى، خەنزۇ تىلى دىئالېكتى، تىل بايلىقىنى قوغداش تەتقىقاتى قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ھۆرمەت قىلىندى ۋە كاپالەتلىك قىلىندى. مەسىلەن، بىر قىسىم مىللىي رايونلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى دەرسى تەسىس قىلىنىپ، خىراجەت ئاجرىتىلىپ مىللىي تىل-يېزىق ئوقۇتۇش بايلىقى ئېچىشقا تەشكىللىنىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا مەدەت بېرىلدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى تىل كاپالىتى قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان تىلى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى، داۋاملىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل شېۋىسى ئەھۋالىغا ئاساسەن قاراتمىلىقى بولغان قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش، قوغداشنى قانات يايدۇرىدۇ. تىل بايلىقىنى ئېچىش، قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنى سىجىل يارىتىدۇ. مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىك قۇرۇلۇشى، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ئىككىنچى، تىل-يېزىققا دائىر قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى

  نۆۋەتتە، «ئاساسىي قانۇن»، «مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە بىر قىسىم مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار چىقارغان ئالاقىدار نىزام، قائىدە قاتارلىقلاردا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقى ئېنىق بەلگىلەندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى توغرىسىدىكى قانۇن-نىزاملىرى سىستېمىلاشتى. «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «مىللەتلەر ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوللىنىشتا ئاساسىي قانۇن، مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىمۇ مىللىي تىل-يېزىق ئىشلىرىغا دائىر يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىنى ئېنىق بەلگىلىدى.

  2013-يىلىدىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى چۆرىدەپ نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، تۈزىتىش لايىھەسى شەكىللەندۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» تۈزىتىلمىسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپىگە بالدۇرراق كىرىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، يەرلىك تىل-يېزىق تارماقلىرىنىڭ قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  مائارىپ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭلەرگە ۋە قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت!

  مائارىپ مىنىستىرلىقى

  2021-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ