مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇقتىلىق سىنىپ تەسىس قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار جانلىق ئىشقا بېرىپ كەلسە بولىدۇ... مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېنىق بېكىتتى

(مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشى)

2021.08.31 13:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 30- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە «ئىككىنى ئازايتىش»، «بەش تۈرلۈك باشقۇرۇش»قا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىقلىرىدا ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئىمتىھانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىدا يازما ئىمتىھان ئېلىنمايدىغانلىقى، باشقا يىللىقلاردا ھەر مەۋسۇمدا بىر قېتىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئۇيۇشتۇرىلىدىغانلىقى؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يىللىقلىرىدا ئوخشاش بولمىغان پەنلەرنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، چارەكلىك ئىمتىھاننى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، دەرس ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتۇش سۈرئىتىدىن ئاشۇرۇپ دەرس ئۆتۈشنى قاتتىق چەكلەش؛ ئىمتىھان نەتىجىسىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، مەكتەپ چارەكلىك ۋە مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا دەرىجە باھالاشنى يولغا قويۇشى؛ ئىمتىھان، تاپشۇرۇق، كۈندىلىك باھالاش، سۈپەت تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى، ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ئىپادىسى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە نۇقتىلىق سىنىپ تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ

  لۈ يۈگاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر سىنىپلارنى تەكشى ئايرىش قانۇن بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەر قانداق نام بىلەن نۇقتىلىق سىنىپلارنى تەسىس قىلماسلىقى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى تەقسىملەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتۇش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دەرس سائىتىنى خالىغانچە قىسقارتىشقا، قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى تەڭشەشكە، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى دەرس سۆزلەشكە بولمايدۇ؛ تاپشۇرۇق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا تاپشۇرۇق بېرىش، ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار ۋە جازالاش تۈسى ئالغان تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۆزى تەكشۈرۈشكە بۇيرىماسلىق، ئىمتىھان ئېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىمتىھان بېرىشكە تەشكىللىمەسلىك، ئىمتىھان نەتىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزماسلىق، ئېلان قىلماسلىق ھەمدە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە سىنىپقا ئايرىش ۋە ئورنىنى تەڭشەشكە، «بەلگە چاپلاش» قا بولمايدۇ.

  لۈ يۈگاڭ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەكتەپنىڭ دەرستىن سىرتقى مۇلازىمىتىدە ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە مول ۋە رەڭدار مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە، ئەمگەك، كىتاب ئوقۇش، قىزىقىش گۇرۇپپىسى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرۇپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانلىق ئىشقا چىقىپ چۈشۈشىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ

  لۈ يۈگاڭ يەنە مۇنداق دېدى: «ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش،ئۇلارنىڭ <جانلىق ئىشقا بېرىپ-كېلىشى> نى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا مۇناسىپ ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار، سالاھىيەتكە ئىگە كەسپىي خادىملار ۋە پىدائىيلارنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرسا ھەمدە ئۆسمۈرلەر سارىيى، ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلانسا بولىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ