مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جوۋ چى يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2021.08.30 22:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول ماھىرى جوۋ چى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا پۈتكۈل مۇسابىقە پەسلىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇ توپچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۆزىنىڭ ئىشى ئارقىلىق CBA بىرلەشمىسىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىمنى جاكارلايمەن، توپچىلارىڭ ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىمەن، بۇ مېنىڭ توپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈستۈمگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىشى ئارقىلىق CBA بىرلەشمىسىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى، توپچىلارنىڭ مۇۋاپىق ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن تېزدىن جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىگە ماتېرىيال تولۇقلايمەن، ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ بىر ئادىل، ھەققانىي ھۆكۈم نەتىجىسى چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، جوۋ چى CBA دىكى شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىدى، ئادەتتىكى مۇسابىقىدە ھەربىر مەيداندا ئوتتۇرىچە 33 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 20.8 نومۇر، 11.9 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2.7 ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، 1.1 قېتىم ھۇجۇمنى ئۈزۈپ، 2.2 قېتىم توپ قېقىۋەتتى، شىنجاڭ كوماندىسىنى باشلاپ ئادەتتىكى مۇسابىقىدە 4-بولغان سالاھىيىتى بىلەن پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىردى. پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسىغا تەڭ كېلەلمەي، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىدى.

  جوۋ چى بىلەن شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ توختام مۇددىتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى توشتى، كۇلۇب تەرەپ جوۋچىغا D تۈردىكى توختامنى ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە CBA بىرلەشمىسىگە ئەنگە ئالدۇردى. لېكىن جوۋ چى باشتىن-ئاخىر شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن توختامنى ئۇزارتمىدى، شۇڭا ئىككى تەرەپ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە ئامالسىز قالدى. بۇ يىل 6-ئايدا، جوۋ چى CBA بىرلەشمىسىگە كېسىم ئىلتىماسى سۇنۇپ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتى ئارىلىشىپ كېتىش، مائاش، قالپىقى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت دەپ پاش قىلدى، لېكىن كۆپ قىسىم دەلىل-ئىسپاتلار قوبۇل قىلىنماي، كېسىمدە رەت قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ