مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە تۆھپە يارىتايلى

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېبېي چېڭدېدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2021.08.29 21:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى خېبېي ئۆلكىسىدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  سەيخەنبا روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئۈچ ئەۋلاد ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا ھەم ماددىغا تايىنىش، ھەم روھقا تايىنىش كېرەك. سەيخەنبا روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ ئىككىنچى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق مەركىزىدە، چوڭ ئېكراندا ھەر ۋاقىت كۆزىتىش-ئۆلچەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئوت ئەھۋالىنى سىنلىق كۆزىتىشنىڭ قاپلاش نىسبىتى %97 تىن ئاشقان. ئورمانچىلىق مەيدانى «ئوت ئاپىتىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىش تورى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئايرىش تورى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئايرىش بەلبېغى، توسۇش تورى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇداپىئە تورى قۇرۇپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، تېخنىكىلىق مۇداپىئە، ماددىي مۇداپىئە بىرلەشتۈرۈلگەن بىر گەۋدىلەشكەن بايلىق باشقۇرۇش-قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.

  سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانى ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش-ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزىنىڭ باش دىسپېتچېرى پېڭ جىجيې ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى. «باش شۇجى قايتا-قايتا مۇنداق تاپىلىدى: ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن ساياھەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان كۈرەشنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى پەرۋىش قىلىش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.» پېڭ جىجيې مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، سەيخەنبا روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن بۇ ئورمانلىقنى ياخشى قوغداپ، ياخشى قۇرۇپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  شيۇڭئەن گۇرۇھى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ ئالىي كەسپىي مەسئۇلى خۇاڭ شۆچېن سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىدا يەتتە يىل ئىشلىگەن. خۇاڭ شۆچېن مۇنداق دېدى: «شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەك.»

  خېبېي رۈيجاۋ لازېرلىق تەكرار ياسىمىچىلىق تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى خەن خۇڭشېڭ كۆپ قېتىم پارتىيە ئەزالىرى ۋە تايانچ خىزمەتچىلەرنى سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. خەن خۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: «تەكرار ياسىمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ‹كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش› نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز.»

  جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چېڭدې يازلىق ئارامگاھىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ مول مەزمۇنىنى قېزىش لازىم، بۇ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىش، مىللىي روھنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

  چېڭدې مۇزېيىنىڭ باشلىقى سۈن جىشىن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەتقىقات سەۋىيەمىز ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى مەدەنىيەت مەزمۇنىنى قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تارىخىي ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلىشىمىز لازىم.»

  جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ مىڭشىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جېڭدىڭ قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» بىز قەدىمىي شەھەر قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يەنىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ يىلتىزىنى ساقلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرىمىز.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، رەتلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شيۇڭشيەن ناھىيەسى سۇڭلياۋ چېگرا ئېغىزى لەخمە خارابىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. شيۇڭشيەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش-باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى جىن زېچياڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

  جوجوۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گو شۆچىڭ مۇنداق دېدى: «بىز يەرلىك ئادىمىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، خاس پائالىيەت ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جوجوۋنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.»

  باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چېڭدېنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ، راۋاجلاندۇرالايدۇ، گۈللەندۈرەلەيدۇ.» چىنخۇاڭداۋ شەھىرى چىڭلۇڭ مانجۇ ئاپتونوم ناھىيەسى لۇڭتەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۇڭ خەيجۈن مۇنداق دېدى: «بىز مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەنت، قىزىل ساياھەت كەنتىنى پائال بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، كەسىپلەر گۈللەنگەن سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇپ چىقىمىز.»

  «مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت.» چېڭدې شەھىرى ۋېيچاڭ مانجۇ-موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاۋ يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن مىللەتنى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش — ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.» لاڭفاڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ياڭ كەيخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى، 2-دەرسخانا پائالىيىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ