مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«زوڭزىيىش شەكلىدىكى» كۆزنەكلەر نېمىشقا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ؟

2021.08.26 21:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شەھەر ئاھالىلىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەنجياڭ شەھىرى سۈيشى ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ كۆزنىكى ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ رەسمىيەت بېجىرگەن، ھەق تاپشۇرغان بىر بۆلەك سىن توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق كۆزنەك خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇرۇپ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن، لېكىن ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا سەل قارىغان بولۇپ، ئىختىيارسىز كىشىلەرگە «خەلقنىڭ شەرىپى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا نامايان قىلىنغان «دىڭ يىجېن شەكلىدىكى» كۆزنەكلەرنى ئەسلىتىپ قويدى.

  ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى «زوڭزىيىش شەكلىدىكى» كۆزنەك ئومۇميۈزلۈك دىققەتنى قوزغىدى. بىراق، «زوڭزىيىش شەكلىدىكى» بارلىق كۆزنەكلەرنىڭ ھەممىسى «دىڭ يىجېن شەكلىدىكى» كۆزنەككە ئوخشاش ئاممىنى تەڭقىسلىقتا قويىدىغان سۇبيېكتىپ قەستەنلىككە تولغان ئەمەس، كۆپىنچىسىدە قۇرۇلۇش قىلغاندا خەلققە قولايلىق يارىتىشتەك ئىنسانىي ئويلىنىش كەمچىل بولغان، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يەنە ئىنچىكە باشقۇرۇش كەمچىل بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان.

  داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئاممىنىڭ تەسىراتىغا دىققەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ھەم تۈزىتىشتە. بۇ جەھەتتە، كونا مۇلازىمەت ئۆلچىمىگە زىيادە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ياخشىلاش كېرەك. بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ «زوڭزىيىش شەكلىدىكى» كۆزنەكنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشىدىكى سەۋەب، ئەسلىدىكى سەپلىمىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ، ھەتتا ئاكتىپ تەقلىد قىلىپ، ئادەت شەكىللەندۈرگەن. «زوڭزىيىش شەكلىدىكى» كۆزنەكتىن بەزى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنى، جۈملىدىن سورۇن ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىدا سىستېمىلاشقان، رەقەملەشكەن، بىۋاسىتە كۆزەتكىلى بولىدىغان ئۆلچەمنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، بۇ ئادەتنىڭ داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەت كۆزنىكىدە «زوڭزىيىش شەكلىدىكى» كۆزنەكلەر كۆپ كۆرۈلۈش مەسىلىسىگە قارىتا، داۋالاش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيلىقنى ئىنچىكە لايىھەلەشكە سىڭدۈرۈپ، يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىشتە كونا مۇقامغا دەسسەشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ساھە مەسئۇل تارماقلىرى مەسىلە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاندىن مەسىلىنى پاسسىپ ھالدا ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، داۋالاش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ