مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مەستانىلەر چەمبىرىكى» نېمىشقا ئۇر-ئۇرغا قالدى؟

2021.08.26 21:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، «مەستانىلەر چەمبىرىكى» قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئەڭ يېڭى مىسال شۇكى، ئارتىس جاۋ لىيىڭنىڭ مەستانىلەر ئۇيۇشمىسى ئۇنىڭ ئارتىس ۋاڭ يىبو بىلەن بىرلىكتە يېڭى تىياتىر ئىشلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاڭلاپ، مەستانىلىرىنى كوللېكتىپ قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە ۋاڭ يىبوغا تىل جەھەتتىن ھۇجۇم قىلدى. جاۋ لىيىڭنىڭ بىر «چوڭ مەستانىسى» مىكرو بىلوگدا ئوچۇقتىن-ئوچۇقلا: «قانچە قالايمىقان بولسا شۇنچە ياخشى، ھەر قايسى تەرەپلەر قالايمىقان ئۇرۇش قىلىدۇ، ھازىر قالايمىقانچىلىقتىن، جېدەلدىن قورقمايمىز... ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىشنى چوڭايتساق تېخىمۇ ياخشى» دېدى. 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، مىكرو بىلوگ ئورگان تەرەپ ئېلان چىقىرىپ، ۋەقەگە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھېسابات نومۇرىغا قارىتا ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى چەكلەش، تاقاش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بېرىلدى، دېدى.

  «مەستانىلەر چەمبىرىكى»دىكى بۇ بىر مەيدان غەلىتە بوران-چاپقۇن نۇرغۇن تاماشىبىننى ھەيران قالدۇردى. سەنئەتكارنىڭ قايسى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتنىشىشى، قايسى چولپانلار بىلەن ھەمكارلىشىشى، سەنئەتكارنىڭ ئۆزى، ۋاسىتىچىلىك شىركىتى ئويلىشىدىغان مەسىلە. مەستانىلەر مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ، تەكلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر بولسىلا كوللېكتىپ بايقۇت قىلىش، ھەتتا تىللاش ئۇرۇشى قىلىش، يەنە تېخى «سەنئەتكارغا ياخشى بولسۇن دەپ» دېگەندەك چىرايلىق نام بېرىش، روشەنكى، «مەستانىلەر چەمبىرىكى»نى كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

  بەزى تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە: مەزكۇر مەستانىلەر توپى بۇ يىل 6-ئايدا مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «‹ مەستانىلەر چەمبىرىكى>دىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، «ئۆزئارا ئۇرۇشۇش» سەۋەبلىك ئۇچۇر ئېلان قىلىشى كەڭ كۆلەمدە چەكلەنگەن تۇنجى مەستانىلەر توپى ئىكەن.

  مىكرو بىلوگ تەرەپنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قاتتىق زەربە بېرىپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزىشى ئەقلىي بولمىغان «مەستانىلەر چەمبىرىكى»دىن ئىبارەت قالايمىقانچىلىققا بولغان ئېنىق پوزىتسىيەنى نامايان قىلدى ھەم باشقا «مەستانىلەر چەمبىرىكى» توپىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى.

  يېقىندا نۇرغۇن «مەستانىلەر چەمبىرىكى»دىكى قالايمىقانچىلىقلار ئاممىۋى پىكىرنىڭ تەنقىدىگە ۋە سۇپىلارنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ ئىنتايىن ئېنىق بولدى. مەستانىلەرنىڭ ئاقىلانىلىكنى ساقلاپ، «مەستانىلەر چەمبىرىكى»نى ھەممە يەردە ئۇر-ئۇرغا قالىدىغان «ئاۋارىچىلىق چەمبىرىكى»گە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ