مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك

2021.08.26 21:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش — يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹بىرىنچى قول رەھبەر› ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالى سىجىل ياڭرىدى.

  «بىرىنچى قول باشلىق»لارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخسۇس نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. «بىرىنچى قول رەھبەر» ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ئاسانلا كاتالىزلاش، زەنجىرسىمان رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا رايون خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق، گۈمۈرۈلۈش شەكلىدىكى چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە مەسئۇل ئورگان بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى چۆرىدەپ مەسىلىلەرنى بايقاش، پەرقلەرنى تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى-تۆۋەن تۇتاشقان نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىرىنچى قول باشلىق»نىڭ ھوقۇقىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يولدا يۈرگۈزۈلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  مەيلى خىزمەت، ئىش قىلىش بولسۇن ياكى پارتىيە ئىستىلى، ئائىلە ئىستىلىنى توغرىلاش بولسۇن «بىرىنچى قول رەھبەر» باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى كېرەك. كۈرەشچان يېڭى دەۋر، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە نەمۇنىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندىلا، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ