مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ (قوڭغۇراق ساداسى)

—— 20 يىللىق ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكىغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى (1)

2021.08.26 21:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بۇيان ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ چېكىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىق ئامېرىكا قوزغىغان ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان ئەڭ چوڭقۇر ئەسلىمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ ئەرەب ئەللىرىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيىتى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

  20 يىللىق ئافغانىستان ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ «يېڭى مۇداخىلىچىلىك»ىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. 2001-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنى باشلاپ، ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى. 20 يىلدىن بۇيان، ئافغانىستان ئۇرۇشى ئامېرىكا تارىخىدىكى داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش بولۇپ، ئامېرىكىغا ئۇزاققا سوزۇلغان غايەت زور چىقىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئافغانىستان خەلقىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. 20 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا 2400 دىن ئارتۇق ھەربىينىڭ ئۆلۈشى ۋە 2 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق چىقىم قىلىشتەك بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نىشانىنى ئورۇندىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە «قانچە قارشى تۇرغانسېرى، تېررورلۇقنىڭ شۇنچە ئەدەپ كېتىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىر قانچىدىن 20 نەچچىگە يەتتى. «مەغلۇبىيەت» غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىغا باھا بېرىدىغان يۇقىرى چاستوتىلىق سۆزىگە ئايلاندى. ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» ئافغانىستان ئۇرۇشى ئۈستىدە ئويلانغاندا: «بىز قورال-ياراغ ۋە پۇل ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، دەپ ئىشەنگەن ئىدۇق. بىز باشتىلا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدۇق. بىزنىڭ لايىھەمىز يولغا قويۇشقا بولىدىغان ياكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس» دېدى.

  20 يىللىق ئافغانىستان ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ قۇرۇش ئەمەس، بەلكى بۇزغۇنچىلىق رولىنى نامايان قىلدى. 20 يىلدىن بۇيان، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستان پۇقراسى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ مىلتىق، زەمبىرەكلىرى ئاستىدا تالاپەتكە ئۇچراپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ماكانسىز قالدى. ئافغانىستان ئۇرۇشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 60 مىليون دوللار زىيان پەيدا قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئۇزاق يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئافغانىستان ئىقتىسادىنىڭ خارابلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تەخمىنەن %72 ئامما نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈردى، ئىشسىزلىق نىسبىتى %38كە يەتتى. ئافغانىستان سىياسىي تەھلىلچىسى مۇھەممەت دانىشچو مۇنداق دېدى: «ئافغانىستانلىقلار ئامېرىكىدىن بەك ئۈمىدسىزلەندى، چۈنكى ئۇلار پەقەت ئۇرۇش، بۇزغۇنچىلىق ۋە نامراتلىقنىلا قالدۇردى.» ئامېرىكا رەھبىرىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ ئاففانىستاندىكى سىياسىتى قايتا قۇرۇش ئەمەس» دېگەن سۆزى ئۆزىنى ئۆزى مازاق قىلىش، شۇنداقلا ناھايىتى جايىغا چۈشكەن سۆز؛ مەيلى ئىراق، سۇرىيە ياكى ئاففانىستان بولسۇن، ئامېرىكا بارغانلا يېرىدە داۋالغۇش، بۆلۈنۈش ۋە تالاپەتنى قالدۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ