مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ ئەخلاقىغا دائىر ئون ماددىلىق مىزانغا خىلاب سەككىز دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىدى

2021.08.26 13:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25- چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 7- تۈركۈمدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ ئەخلاقىغا دائىر ئون ماددىلىق مىزانغا خىلاپلىق قىلغان سەككىز تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، سوۋغا قوبۇل قىلىش، ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلاش، ئىلىمىي بولماسلىق قاترالىق ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن. سەككىز تىپىك دېلو مىسالىغا چېتىشلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى.

  بۇ تىپىك دېلولار تۆۋەندىكىچە: خېبېي ئۆلكىسى ساڭجۇ شەھىرى شىمالىي جۇڭگو نېفىتلىكىدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ساۋ فامىلىلىكنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى، گۇيجۇ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى خېجاڭ ناھىيەسىدىكى ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتىدا ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلاش مەسىلىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھىرى شىڭچىڭ رايونىدىكى مەلۇم بالىلار باغچىسىدىكى ئۈچ ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارنى خورلاش مەسىلىسى، چۇڭچىڭ پېداگوگىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تاڭ فامىلىلىكنىڭ خاتا پىكىر بايان قىلىش مەسىلىسى، جىلىن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش مەسىلىسى، ئىلمىي بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلىرى، چېڭدۇ تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دېڭ فامىلىلىكنىڭ باشقىلار بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولۇش مەسىلىسى، بېيجىڭ ئىككىنچى چەتئەل تىلى داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چى فامىلىلىكنىڭ ئىلىمىي بولماسلىق مەسىلىسى، چۈجۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ ئىلمىي بولماسلىق مەسىلىسى قاتارلىقلار.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ تىپىك دېلولار نۆۋەتتە يەنىلا ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غايە ـ ئېتىقادى كەمچىل، ئادەم تەربىيەلەش ئېڭى سۇس، قانۇن ـ ئىنتىزام قارىشى ئاجىز بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەربىيەسى، ئىنتىزامنى قېلىپلاشتۇرۇش تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غايە ـ ئېتىقادى، ئائىلە ۋە دۆلەت مۇھەببىتى، قىممەت يېتەكچىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا يېتەكلەش ۋە سىڭدۈۈرۈش؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، سالماقنى كېمەيتمەسلىك، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماسلىق، پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي جازالاش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئالىي مەكتەپ شۆيۈەن-فاكۇلتېتلىرىنىڭ مەمۇرىي ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ