مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىمتىيازغا قارشى تۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2021.08.26 10:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاڭ فۇيۈ «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، پۇل ئالغان، كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ گولف توپ ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان، شەخسىي ئايروپىلانغا ئولتۇرغان»؛ پېڭ بو «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىپ-چىققان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىياپەتنى قۇبۇل قىلغان»؛ سۇڭ لياڭ «ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان»... يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان مەركەز باشقۇرۇشىدىكى يەتتە كادىرغا چارە كۆرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ ھەممىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 22 كادىرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بۇ مەسىلە بار.

  دېلو مىساللىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغان سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. قايتا-قايتا بۇيرۇق چۈشۈرۈلسىمۇ، ئاز ساندىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يەنىلا پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ، بەزىلىرى ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي، «مېنى تەكشۈرەلمەيدۇ دەپ ئويلاۋاتىدۇ»، بەزىلىرى «ئوغرى كېمىسىگە چىقىپ چۈشەلمەيۋاتىدۇ»، قول ئۈزمەيۋاتىدۇ، توختىيالمايۋاتىدۇ. بەزى «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرى قايتا باش كۆتۈردى، ھەتتا ئېغىر بېسىم ئاستىدا شەكلى ئۆزگىرىپ، يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى. سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەت قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار چەكلەنسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، مەخسۇس ئارامخانا، «يەپ-ئىچىش شادلىق يىغىلىشى» يەنە ئاستا-ئاستا ئەۋج ئالماقتا. بۇ بىزنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: ناچار ئىستىلنى تۈزىتىشنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ساقلاپ، ئاخىرغىچە تۇتۇپ، قەتئىي بوشاشماسلىق كېرەك.

  «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئىمتىيازغا قارشى تۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىمتىياز — چىرىكلىك ۋە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم مەنبە ۋە شەرت، «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى كۆپ ھاللاردا ئىمتىياز ئىدىيەسى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بەزى رەھبىرىي كادىرلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، «خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ شەخسىي ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش»، «مىڭ چاقىرىملىق يول يۈرۈپ ساتىراشلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىش» قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى ھېسابلىماي، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلاپ خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتە ھەممىلا يەردە باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، شەخسىي نەپسى يوغىناپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ. «تۆت خاھىش»قا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، چاكارلىق خىسلىتىنى ساقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ