يۈننەن دىچىڭدا يۈننەن سېرىق ياللىق مايمۇن جەمەتىگە يېڭى ئەزا قوشۇلدى

2021.08.26 10:27 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: يۈننەن بەيما قارلىق تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شياڭگۇچىڭ يۈننەن سېرىق ياللىق مايمۇن كۆرگەزمە توپىدىكى «ئېرجى» ئائىلىسىگە يەنە يېڭى ئەزا قوشۇلدى. لەي جيەندۇڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە، يۈننەن بەيما قارلىق تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شياڭگۇچىڭ يۈننەن سېرىق ياللىق مايمۇن كۆرگەزمە توپىدىكى «ئېرجى» ئائىلىسىگە يېڭى ئەزا قوشۇلدى —— بىر ئوماق يۈننەن سېرىق ياللىق مايمۇن بالىسى دۇنياغا كەلدى، بۇ مايمۇن توپى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سانى يەتتىگە يەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مايمۇن بالىسى يۈننەن بەيما قارلىق تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شياڭگۇچىڭ يۈننەن سېرىق ياللىق مايمۇن كۆرگەزمە توپىدا بۇ يىل تۇغۇلغان 12-مايمۇن بالىسى ئىكەن. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى خاتىرە قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى يۈننەن سېرىق ياللىق مايمۇنىنىڭ ئەڭ كېيىن تۇغۇش ۋاقتىنى بۇزۇپ تاشلىدى (خاتىرە 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگە ئۆزگەرتىلدى). مۇھاپىزەت رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار مۇنداق دېدى: بۇ — مايمۇن توپىنىڭ يېمەكلىك كاپالىتى، ئوزۇقلۇق ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا قوغداش خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى يان تەرەپتىن ئىسپاتلىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ