مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئاشتى

چۇڭچىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى («14-بەش يىل»دا بىز قەدەمنى مۇنداق ئالدۇق)

2021.08.26 09:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو — شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك ئىقتىساد كەسپى مۇنبىرى، 2021-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيا رەقەملىك ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويماقتا، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سۇپا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يەر شارىۋى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  چۇڭچىڭ ئۇدا تۆت يىل جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  «ئەنئەنىۋى ئۆزەك ئىچىگە توك يولى قىستۇرۇلاتتى، بىز ئوپتىك تالا قىستۇرىمىز. ئېلېكتىر ئۆزىكىنى نۇر ئۆزىكىگە ئۆزگەرتسەك، سۈرئەتنى 10 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» چۇڭچىڭ بىرلەشمە مىكرو ئېلېكتىرون مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى گو جىن مۇنداق دېدى: ئوپتىك ئۆزەك ئاپتوماتىك ھەيدەش ساھەسىدە ئىشلىتىلسە، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىياتىغا ئېنېرگىيە قوشىدۇ. ھازىر، چۇڭچىڭ شەھىرى غەربىي قىسىم (چۇڭچىڭ) ئىلىم-پەن شەھەرچىسىدە بۇ يىل يېڭىدىن بېكىتىلگەن شەھەر دەرىجىلىك 38 نۇقتىلىق تەجرىبىخانىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىلىتسىي ئاساسلىق فوتو ئېلېكتىرون ئۆزىكىنى پۈتۈن جەريانلىق پېچەتلەش-سىناش تەجرىبىخانىسىنى پۈتكۈزدى.

  2020-يىلى چۇڭچىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ كۆلىمى 638 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %25.5 كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ بىرىنچى سېپىگە كىردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، چۇڭچىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %31.9 ۋە %30.1 ئاشتى.

  تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تايانچ قىلىندى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق مۇھىم نۇقتا قىلىندى، ئەمەلىي ئۈلگە كۆرسىتىشتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەر ئاساس قىلىندى...

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى قىلىپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېزلەتتى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، چۇڭچىڭ 3485 ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 574 رەقەملەشكەن سېخ ۋە 105 ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇردى.

  چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ساھەسى چۇڭچىڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ماكانىغا ئايلانماقتا.

  گۇاڭدۇڭدىكى بىر كارخانا ئىشلەپچىقارغان G5 يان تېلېفوننىڭ سېزىمچان ئېكرانى مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى چۇڭچىڭدىن كەلگەن. «بىز ئىشلەپچىقارغان ئەينەك ئېكران G5 ئۈسكۈنىسىگە مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.» چۇڭچىڭ شىنجىڭ ئالاھىدە ئەينەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى جياڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى ئۆزگىچە ھۈنەر-سەنئەت ۋە ماتېرىيال تەييارلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ ئەينەك ئېكران تېخىمۇ نېپىز، سۈركىلىشكە تېخىمۇ چىداملىق بولۇپ، 5G سىگنالىنىڭ تېشىپ ئۆتۈشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

  چۇڭچىڭ ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى يېتەرلىك بولماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، سۇپا قۇرۇپ مۇنبەت تۇپراق بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. 2021-يىلى غەربىي رايون «چۇڭچىڭ» ئىلىم-پەن شەھەرچىسى قۇرۇلۇشى يىلى قىلىنىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان «24 ماددا» ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، داشۆنى چۆرىدىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالتە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى... بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا چۇڭچىڭدا پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىدىن 4343 ى كۆپىيىپ، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %16.47 ئاشتى.

  سىياسەت مۇھىتى ياخشىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. چۇڭچىڭ فۇجىكې پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان G77 مىللىمېتىرلىق ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىدىغان رادار، ئۇنىۋېرسال مىكرو دولقۇنلۇق رادار ۋە لازېر نۇرلۇق رادارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئاپتوموبىلنىڭ قوشۇمچە ھەيدەش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى؛ چۇڭچىڭ خۇاشۇ ماشىنا ئادەم چەكلىك شىركىتى سانائەت ماشىنا ئادىمىنى كونترول قىلىش، قوزغىتىش، لايىھەلەش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلىدى؛ چۇڭچىڭ شەھىرى «تىزىملىكنى ئېچىپ قوماندانلىق قىلىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەسىپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىدىن يەتتىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم قاتتىق يادرولۇق مەھسۇلاتلارنى كەشىپ قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، چۇڭچىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي ماڭدى. غەربىي قىسىم (چۇڭچىڭ) ئىلىم پەن شەھەرچىسى 43 يېڭى تىپتىكى تەتقىقات ئاپپاراتىنى كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىدىن يەتتىنى يېتىشتۈردى؛ لياڭجياڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش رايونى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئاپپاراتىدىن 35 نى كىرگۈزدى، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 90 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان 30 دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى ئىمزالاپ كىرگۈزدى.

  پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەقىل-پاراسەت مۇھىم بازىرى بەرپا قىلىپ، ئەقىل-پاراسەتلىك داڭلىق شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىشتە، چۇڭچىڭ شەھىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوللىنىشتا «ياساش قاتتىق، تەتقىق قىلىپ ئېچىش يۇمشاق» بولۇشتىن «پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك، ياساشتا كۈچلۈك بولۇش»قا بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ