مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

16-نۆۋەتلىك يازلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توكيودا باشلاندى

2021.08.25 12:30 مەنبە: خەلق تورى

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ساليوت ئويۇنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەرۋاقتى 24-ئاۋغۇست كەچتە، 16-نۆۋەتلىك يازلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توكيودىكى دۆلەتلىك يېڭى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى مەيدانىدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 4400 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى 22 چوڭ تۈر، 539 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ.

  جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 251 نەپەر تەنھەرىكەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 437 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 20 چوڭ تۈر، 341 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چوڭ تۈر ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش نىشانى: مۇسابىقىگە بىخەتەر قاتنىشىش، مۇسابىقە روھىنى نامايان قىلىش، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دوستلۇقنى يەتكۈزۈش، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  ئاياللار ئوقيا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى جۇ جيامىن، ئەرلەر يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكەتچىسى ۋاڭ خاۋ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو تەنتەربىيەۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقدارى بولدى.

  بۇ جۇڭگونىڭ 10-قېتىم ئۆمەك ئەۋەتىپ قاتناشقان يازلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇدا تۆت نۆۋەت مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ۋە جەمئىي مېدال سانى جەھەتتە بىرىنچى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ