خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20-ئاۋغۇست ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2021-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «رايون، قاتلام، ۋاقىت، يۇقىرى پەللىنى گىرەلەشتۈرۈپ» ئوقۇش باشلاپ مەكتەپكە قايتىشنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر جايدا بىر سىياسەت، بىر مەكتەپتە بىر مىسال بولۇش، ئوخشاش بولمىغان خەۋپ-خەتەر رايونلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلارغا بارغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىشىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، يازلىق تەتىللىك پىراكتىكا، ئەمەلىي مەشق، ئىلمىي تەتقىقات، خىزمەت سەۋەبلىك ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردا تۇرۇپ قالغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ