مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

داچىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھىي شەجەرىسى توغرىسىدا (11)

2021.08.24 11:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1958- يىلى 2-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېفىت چارلاش ئىستراتېگىيەسىنى شەرققە يۆتكەشتىن ئىبارەت مۇھىم تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كەڭ نېفىت، گىيولوگىيە خىزمەتچىلىرى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىپايان سۇڭخۇاجياڭ-نېنجياڭ تۈزلەڭلىككە كېلىپ، جاپالىق گىيولوگىيەلىك چارلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ھارپىسىدا داچىڭ نېفىتلىكىنى بايقاپ، جۇڭگونىڭ نېفىت ئېچىش تارىخىدا تارىخىي بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر سەھىپە ئاچتى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد داچىڭلىقلار جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، قەدىمىي چۆللۈكتە ئېلىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىگىلىك تىكلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، تۆھپە قوشۇش»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان داچىڭ روھى ۋە تۆمۈ ئادەم روھىنى ياراتتى.

  2019- يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داچىڭ نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ يازغان خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: داچىڭ نېفىتلىكىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داچىڭ روھى، تۆمۈرئادەم روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ ياخشى بايراقدار بولۇش، 100 يىللىق نېفىتلىك قۇرۇش مۇھىم، زور مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ نېفىت سانائىتىنىڭ ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز ئىدى.

  1949 - يىلى نېفىت مەھسۇلاتى ئاران 120 مىڭ توننا ئىدى، دۆلەت ئىچىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان نېفىت ئاساسەن ئىمپورت قىلىناتتى. 1960-يىلى نېفىت ئېلىش چوڭ جېڭى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلدى. «نېفىت كەمچىل دۆلەت» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، تۆمۈرئادەم ۋاڭ جىنشى ۋەكىللىكىدىكى داچىڭ نېفىت ئىشچىلىرى ئەينى چاغدىكى ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا، «20 يىل ئاز ياشاشقا رازىمىزكى، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چوڭ نېفىتلىكنى قۇرۇپ چىقىمىز» دەيدىغان يۈكسەك ئىپتىخارلىق بىلەن، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا چوڭ جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، داچىڭ نېفىتلىكى جەمئىي 2 مىليارد 430 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈچ قېتىملىق نېفىت ئېلىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى، 1976-يىلى يىللىق خام نېفىت مەھسۇلاتى 50 مىليون توننىلىق يۇقىرى چەككە يەتكەندىن كېيىن، داچىڭ ئۇدا 27 يىل

  50 مىليون توننىلىق سەۋىيەنى ساقلاپ كەلدى، ھازىرغىچە مۇقىم، يۇقىرى مەھسۇلاتنى ساقلاپ كەلدى... داچىڭ نېفىتلىكىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، مىللىي سانائەتنىڭ تۈۋرۈكىنى تىكلەپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى!

  ئەينى يىللاردىكى «كۆك ئاسمان، چۆل – باياۋان»دىن ئىبارەت ناچار تەبىئىي مۇھىتقا نائىلاج يۈزلىنىشتىن، بۈگۈنكىدەك دۇنيا دەرىجىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقىچە قىيىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش، ماددىي كۈچ جەھەتتە سىنىشىش، شۇنداقلا مەنىۋى جەھەتتە تىركىشىش بولدى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان «مەن ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دېگەن شۇئارنى ئۈنلۈك ئېيتىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش، مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتتى؛ «شارائىت بولسىمۇ ئىشلەش، شارائىت بولمىسىمۇ شارائىت يارىتىپ تۇرۇپ ئىشلەش»كە قەسەم بېرىپ، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتەك جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھىنى چېنىقتۇردى؛ جاپالىق ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ماھىرلىق بىلەن ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىش، «ئۈچتە سەمىمىي، تۆتتە تەلەپچان بولۇش»تەك ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى نامايان قىلدى؛ «يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلىپ بولسىمۇ نېفىتلىكتىن مۇقىم، يەنە يۇقىرى ھوسۇل ئالىمەن» دەيدىغان چىن ئېتىقاد بىلەن ئومۇمىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىشتەك تۆھپە قوشۇش روھىنى نامايان قىلدى...

  داچىڭ نېفىتلىكىدىكى كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۈكسەك خوجايىنلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ تۆھپە قوشۇپ، سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ كۈچلۈك مەدھىيە ناخشىسىنى يېزىپ، داچىڭ روھىنى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىتىپ ئۇزاققىچە يېڭىلاپ، مىليونلىغان نېفىتچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇيۇشتۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئېلىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە روھىي قىياپىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: داچىڭ نېفىتلىكىنىڭ ئاجايىپ تۆھپىسى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي ئابىدىسىگە ئويۇلغان، داچىڭ روھى، تۆمۈرئادەم روھى جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ روھىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

  ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، داچىڭ روھى مەڭگۈ جۇڭگو خەلقىنى جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. بۈگۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا-دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بىز تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە دۇچ كەلدۇق، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، داچىڭ روھىنى ئىلگىرىكىدەكلا يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ غايىسىنى ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشىمىز؛ ئىگىلىك تىكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش ماھارىتىمىزنى كۈچەيتىپ، جاسارەتنى ساقلاپ، جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەتنى ئاشۇرۇشىمىز؛ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز؛ تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا مەن بولمىسام بولمايدۇ دەيدىغان ئالىيجاناب روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەخسىي پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، كىچىك ئائىلىدىن ۋاز كېچىپ كۆپچىلىكنىڭ غېمىنى يەپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۆزىمىزنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك.

  قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلىسەك، داچىڭنىڭ ئىزدىنىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى نامايان قىلدى. پارلاق ئىستىقبالغا نەزەر سېلىپ، داچىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتىنى ساقلىساقلا، بىز چوقۇم يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتەلەيمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ