يۈننەن لىجياڭنىڭ چىرايلىق گۈللىرىنىڭ مەملىكەت ئىچدىكى بازىرى ئىتتىك بولدى

2021.08.23 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر كۈنى، يۈننەننىڭ لىجياڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى گۈل-گىياھ كەسپى رايونىدىن كەلگەن ئاتتۇيىقىسىمان نېلۇپەر گۈلى نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىغا توشۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردىكى كىشىلەرنى ئېگىزلىكنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن قىلدى.لىجياڭنىڭ كۈن نۇرى يېتەرلىك، كىلىماتى ئىللىق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، گۈلچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. دەسلەپتە، چەت ئەلدىن كەلگەن بۇ خىل رەڭلىك ئاتتۇيىقىسىمان نېلۇپەر گۈلى سورتىنى لىجياڭغا ئېلىپ كەلگەن كىشى 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئىختىساسلىق باغۋەن ۋەن جيا ئىدى.

  ۋەن جيا گوللاندىيەنىڭ ۋاگېنىنگېن داشۆسىنىڭ باغۋەنچىلىك بازىرى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن گوللاندىيەنىڭ بىر شېرىكسىز كارخانىسىدا ئالتە يىل خىزمەت قىلغان، ئارقىدىن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش پۇرسىتىدە مەكتەپداش جاڭ چۈنرۈي بىلەن بىللە لىجياڭغا كېلىپ، بىرلىكتە بىر باغۋەنچىلىك شىركىتى قۇرغان ھەم گوللاندىيەدىن كىرگۈزۈلگەن رەڭلىك ئاتتۇيىقىسىمان نېلۇپەر گۈلى سورتىنى كەسىپ رايونىغا ئېلىپ كېلىپ يېتىشتۈرگەن.

  2020ـ يىلى 8 ـ ئايدا، رەڭلىك ئاتتۇيىقىسىمان نېلۇپەر گۈلى تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، پەقەت بىر يىلدىلا، بۇ ئېگىزلىكتىن چىققان رەڭلىك ئاتتۇيىقىسىمان نېلۇپەر گۈلى دۆلەت ئىچىدىكى 1ـ، 2 ـ سەپتىكى شەھەرلەردىكى نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىنى تېزلا مايىل قىلدى ھەم كۆرۈنەرلىك مەھسۇلات مىقدارى ۋە بازار ئۈلۈشىگە ئىگە بولدى.

  قىزىل، ھال رەڭ، سېرىق، قارا ... باغچە رايونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇتاش ئەينەكلىك پارنىكتا، ئون خىل تۈردىكى رەڭلىك ئاتۇيىقىسىمان نېلۇپەر گۈلى بەس ـ بەستە ئېچىلىپ، كىشىنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ يەنە سەنئەت پۇرىقىغا تولغان «پىكاسسو» ، «ھوللىۋود» ، «ئازى» دېگەندەك ئىسىملىرى بار.

  تۇپراقسىز يېتىشتۈرۈشنىڭ ياردىمىدە، بۇ رەڭلىك ئاتتۇيىقىسىمان نېلۇپەر گۈلىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، سۈپىتىمۇ ناھايىتى مۇقىم بولۇپ، 365 كۈندە نۆۋەت بىلەن ئېچىلىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون شاخقا يېتىدۇ، ھەممىسى ئىشلەپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

  چېچەكلەش مەزگىلى پىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈزۈپ بولغان رەڭلىك ئاتتۇيىقىسىمان نېلۇپەر گۈلىنى خىزمەتچىلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئوراپ، سۇ قاچىلانغان چېلەككە سېلىپ، توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا ئاپىرىپ ساقلايدۇ. بۇ خىزمەتلەرنى گۈيفېڭ كەنتىدىكى 50 نەچچە ئىشلەمچى ئىشلەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

  لىجياڭ شەھىرى كونا شەھەر رايونى كەينەن كوچىسى گۈيفېڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خې لىفېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى مەزگىلدە، 450 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېڭى كېسىلگەن گۈل ئۆستۈرۈش زاۋۇتىنىڭ ئەينەك پارنىكىنىڭ پۈتۈپ ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى 250 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ