مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشنى قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇرۇش لازىم

2021.08.20 23:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش»تىن ئىبارەت زور قارارنى چىقىرىشىغا ئەگىشىپ جايلار، تارماقلار ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشنى قوللاشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويدى. بېيجىڭ شەھىرى ئۈچ پەرزەنتلىك بولسا 30 كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئۆتكۈنچى سىياسەتنى بېكىتتى؛ سىچۈەن ئۆلكىسى پەنجىخۇا شەھىرى 2-، 3-پەرزەنتلىك بولغانلارغا ھەر ئايدا 500 يۈەن بالا بېقىش ياردەم پۇلى بېرىشنى بېكىتتى؛ دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش خىراجىتىنى تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى بەلگىلىدى؛ جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش شوئارلىرىنى يىغدى... دەم ئېلىش مۇكاپاتى بېرىش سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن نەق پۇل بىلەن قوللاشقىچە، يەنە قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلىشىگىچە، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى.

  دۆلەت قاتلىمىدا، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئالاقىدار جازالاش بەلگىلىمىلىرىنى ئېنىقلاش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن نوپۇسقا ئېلىش، مەكتەپكە كىرىش، خىزمەتكە كىرىش قاتارلىقلارنى شەخسىي تۇغۇت ئەھۋالىدىن ئومۇميۈزلۈك ئايرىۋېتىشكىچە، ئاندىن نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكىچە، بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۇغۇت، بېقىش ۋە مائارىپنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسى شەكىللەنمەكتە. جايلار ۋە تارماقلار قاتلىمىدا جايلار، تارماقلار ئالاقىدار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بىلەن تۇغۇت سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن مۇناسىپ قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كونكرېت تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  خەلقنى مەركەز، تەڭپۇڭلۇقنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، قانۇنچىللىقنى كاپالەت قىلىپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشتا ئاممىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تۇغۇت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تۇغۇت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاققىچە تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ