مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇەي جىنپېڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولدى

2021.08.20 12:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنى 20- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق خۇەي جىنپېڭنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.

  يولداش خۇەي جىنپېڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  خۇەي جىنپېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962 ـ يىلى 12 ـ ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ جىنەندىن، 1986 ـ يىلى 1 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1987 ـ يىلى 9 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى.

  بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى داشۆسى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى (2006يىلى-2 ئايدا باش ئىدارە دەرىجىلىك دەپ بېكىتىلگەن)، 2009 يىلى-5 ئايدا بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك) بولغان. 2009-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان. 2015-يىلى 2-ئايدا سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2016-يىلى 12-ئايدا تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2017 ـ يىلى 8 ـ ئايدا جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1 ـ شۇجىسى بولغان، 2017 ـ يىلى 9 ـ ئايدا جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى 9 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان، 2021 ـ يىلى 5 ـ ئايدا جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى 10 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە (مەخسۇسۋەزىپىدىكى، كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل)، شۇجىچۇسىنىڭ 1 ـ شۇجىلىقىغا سايلانغان. 2021-يىلى 7-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  12ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ج ك پ 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭۋەكىلى، 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ