مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلام مۇلازىمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش لازىم

2021.08.19 23:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا-بازار، كوچا قاتارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى قانداق ياخشىلاش كېرەك؟ لەنجوۋ شەھىرى بىرئاز ئىزدىنىپ، كىشىلەرگە ئىلھام بەردى.

  ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش لازىم. پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كونكرېت ھەم ئىنچىكە بولۇپ، مۇلازىمەتچىلەر چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك ساداسىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن غەم-ئەندىشىسىنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا يېقىن تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. پۇختا، ياخشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، نىشانلىق ئوق ئېتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەقىقىي تەدبىرى، ئەمەلىي تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ.

  مۇلازىمەت دەل جايىدا، ئىنچىكە بولۇش لازىم. ئاساسىي قاتلام خىزمىتى مۇرەككەپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى كۆپ خىل. ئوخشاش بولمىغان توپنىڭ ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ، پەرقلىق، قاراتمىلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەم ئاممىنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئىمكانقەدەر تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئېنىق ئىگىلەپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە تۈزۈپ، قەتئىي بوشاشماي ئۇزاققىچە كۈرەش قىلغاندىلا، چوقۇم تېخىمۇ ئىناق، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ