يۈننەندىكى خانى پەلەمپەي ئېتىزلىرى تۆت ئېلېمېنت بىرلىشىپ ئېكولوگىيە ئاجايىپ مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى

2021.08.18 19:18 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: يۈەنياڭ ناھىيەسى ئاجېكو كەنتىدىكى خانى پەلەمپەي ئېتىزلىرى مەنزىرىسى. لو جيەنگو فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاغ چوققىسىدىكى ئورمان سۇ مەنبەسىنى ساقلاپ، ئىنچىكە ئېقىن ھاسىل قىلىپ، تاغ قاپتىلىدىكى كەنتلەرنى تۇرمۇش سۈيى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە كەنتنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى پەلەمپەي ئېتىزلارنى سۇغىرىشنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئېقىن سۇ داۋاملىق ئېقىن بويلاپ ئېقىپ، پەستىكى دەريا جىلغىسىدا قوشۇلۇپ، دەريا ئېقىنىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن پارلاندۇرۇش رولى ئارقىلىق سۇنى ئورمانلىققا يۆتكەپ كېلىدۇ. «ئورمان-كەنت-پەلەمپەي ئېتىز-سۇ سىستېمىسى»دىن ئىبارەت تۆت ئېلېمېنت بىرلىشىپ، توختىماي دەۋرىيلىنىپ، ئۈزلۈكسىز ياشنايدۇ، مانا بۇ يۈننەن خانى پەلەمپەي ئېتىزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئاجايىپ مەنزىرىسى.

  خانى پەلەمپەي ئېتىزى 1300 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ يۈننەندىكى خانى مىللىتى، يىزۇ مىللىتى، دەيزۇ مىللىتى، جۇاڭزۇ مىللىتى، مياۋزۇ مىللىتى، ياۋزۇ مىللىتى، خەنزۇ مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەر تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش جەريانىدا ياراتقان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۆجىزىسى ھېسابلىنىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چېگرا ھالقىغان دەريا-ئېقىن سۇ سىستېمىسىنىڭ مەنبەسىدىكى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش، قىسمەن كىلىمات، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە خانى پەلەمپەي ئېتىزىمۇ رايون خاراكتېرلىك ئېكولوگىيە مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې ئوبلاستى يۈەنياڭ ناھىيەسى تەۋەسىدە، تۇتاش كەتكەن زىچلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان 46 مىڭ 100 گېكتار خانى پەلەمپەي ئېتىزى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ