مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: مەيلى ئامېرىكا تەيۋەننى قانچىلىك قورال بىلەن تەمىنلىسۇن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

2021.08.18 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  17- ئاۋغۇست، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بۈگۈن جۇڭگو-ئامېرىكا «17-ئاۋغۇست» ئاخباراتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 39 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار. تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. 42 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 39 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە «17-ئاۋغۇست» ئاخباراتىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ ئاخباراتتا تەيۋەنگە ئۇزۇن مۇددەت قورال سېتىپ بېرىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيمىز،ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە سېتىپ بېرىدىغان قورالنىڭ ئىقتىدارى ۋە سانى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىنكى نەچچە يىللىق تەمىنلەش سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى تەدرىجىي ئازايتىمىز ھەمدە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، دەپ ئېنىق ۋەدە بەرگەن. «17-ئاۋغۇست» ئاخباراتى، شاڭخەي ئاخباراتى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتى قاتارلىق بۇ ئۈچ جۇڭگو-ئامېرىكا قوشما ئاخباراتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ بارچە يادرولۇق مەزمۇنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدۇر. ئامېرىكا بۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  «لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، ئامېرىكا ئۆز ۋەدىسىگە ئۈزلۈكسىز خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو تەيۋەن رايونى بىلەن <ھۆكۈمەت تەرەپ> ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، تەيۋەنگە تۈرلۈك قوراللارنى سېتىپ بېرىپ، تەيۋەننىڭ ئاتالمىش خەلقئارا بوشلۇقنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى.» خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنى مىسالغا ئالساق، 39 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى تەيۋەنگە ساتقان قورال ئومۇمىي سوممىسى 70 مىليارد دوللارغا يەتكەن. تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ئۆتىگەن تۆت يىلدا تەيۋەنگە 11 قېتىم قورال سېتىپ بەرگەن بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 18 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن. يېقىندا، بايدىن ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىپ، تەيۋەنگە ئومۇمىي قىممىتى 750 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقىرىقى خاتا قىلمىشىغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپ قەتئىي، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىدى.

  خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز ئەڭ زور سەمىمىيلىك، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، بىز بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز، ھەرقانداق كىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، كۈچلۈك ئىقتىدارىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقى كېرەك. مەيلى ئامېرىكا تەيۋەننى قانچىلىك قورال بىلەن تەمىنلىسۇن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى تېخىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.

  «ئادەم سەمىمىيەتسىزلىكتىن يىقىلىدۇ، دۆلەت سەمىمىيەتسىزلىكتىن خارابلىشىدۇ.» خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: ئادەم سەمىمىيەتسىزلىكتىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ، دۆلەت سەمىمىيەتسىزلىكتىن خارابلىشىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ يۈكسەك سەزگۈرلۈكى ۋە ئېغىر زىيانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسىنى توختىتىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئالاقىسى ۋە تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنى توختىتىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ۋە ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا يەنىمۇ زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ