مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا نۇقتىلىق سىنىپ ۋە تەجرىبە سىنىپلىرىنى ئايرىش مەنئى قىلىندى

2021.08.18 11:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تەدبىرى» بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە، بىز «ئىككىنى كېمەيتىش» ھۆججىتىدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر ۋە ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،كەڭ ساۋاقداشلار ۋە ئاتا ـ ئانىلارغا ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدۇرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا:

  ① تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىپ، تاپشۇرۇق لايىھەسىنى ئوقۇتۇش، تەتقىقات سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قاتلامغا بۆلۈنگەن، ئېلاستىكلىققا ئىگە، خاسلاشقان تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش؛

  ② دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «تىزىملىك شەكلىدىكى» دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارىي تاللاش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، ھەقسىز توردا ئۆگىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

  ③ كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رايون ئىچىدىكى يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 ـ يىللىقىدا «نۆلدىن باشلىنىش نۇقتىسى» ئوقۇتۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، سىنىپلارغا ئايرىپ ئىمتىھان بېرىشكە تەشكىللىشىگە يول قويۇلمايدۇ، نۇقتىلىق سىنىپ، تەجرىبە سىنىپلىرىنى ئايرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ