مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پېنسىيە «تۇمار» ئەمەس

2021.08.16 23:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەلۇم ناھىيەلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ XX پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي كارخانا غوجايىنلىرىنىڭ ئون نەچچە قېتىملىق زىياپىتىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خاراكتېرلىك دېلو مىسالىدا، بۇ «ياشانغاندا تېيىلىپ كېتىش» مىسالى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قىلچە بوشاشماي تۈزەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئالاقىدار ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھادىسىلەرگە قارىتا قىلچە مۇرەسسە قىلماي، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، بارغانسېرى قاتتىق سىگنال بېرىش كېرەك.

  پېنسىيەگە چىقىش خالىغىنىنى قىلىدىغان «يوشۇرۇنۇش كىيىمى» ئەمەس، شۇنداقلا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى «قۇرۇق كۆزنەك مەزگىلى» بولۇپ قالمايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز چىرىكلىككە قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى داۋالاشتىن ئىبارەت ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلابنى تېز قانات يايدۇردى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دا پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازانى ئايدىڭلاشتۇردى، «دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەردە پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈچۈن ھەرىكەت چېكى بېكىتىلدى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ چىقىرىلىشى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھوقۇق چىتلىقىنى بارغانسېرى چىڭىتىپ، «پېنسىيەگە چىقسىمۇ توختىمايدىغان ھوقۇق»نى «قەپەس»كە سولاپ قويدى. پېنسىيەگە چىققان «يولۋاسلار» تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى قانۇنسىز قىلمىشلار نازارەت قىلىنغان مىساللار شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پېنسىيەگە چىقىش «تۇمار» ئەمەس. پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشىغا يول قويمايدۇ، نازارەت قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ