مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قىلىش» ھەرگىزمۇ «بېجىرمەسلىك، ئىش قىلماسلىق»قا باھانە بولالمايدۇ

2021.08.16 23:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇلازىمەت كۆزنىكىگە بېرىپ ئىش بېجىرگەندە، كۆزنەكتىكىلەر «تەتقىق قىلىپ باقايلى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇش، ئېنىقلا قائىدە-نىزام بويىچە بېجىرگىلى بولىدىغان مۇۋاپىق تەلەپلەرنىمۇ «قانۇن» بويىچە بېجىرمەسلىك... نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلغاندا بايقىلىشىچە، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپى ئالدىدا، چېتىلىدىغان يەرلىك تارماقلار ۋە خادىملار مەسىلىنى ھەل قىلماي، ھە دېسىلا «خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش»، «تەرتىپ بويىچە مېڭىش»، «بەلگىلىمە بويىچە ئىش بېجىرىش» قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ سىياسەت، قانۇن-نىزاملار ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىپ، بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قويغان. قارىماققا «قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلغان»دەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «بېجىرمىگەن، ئىش قىلمىغان»، بۇنداق ناچار كەيپىيات ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى قاتتىق يىرگەندۈرگەن.

  ئىستىلنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكى گەپنىڭ «چىرايلىق بولۇش-بولماسلىقى»غا باغلىق ئەمەس، مۇھىمى ئىشنى ياخشى قىلىش-قىلالماسلىققا باغلىق. ئەگەر «بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش»، «تەرتىپ بويىچە مېڭىش»نى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي، ئەمەلىيەتتە مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرمىسە، ھەرقانچە ياخشى سىياسەتمۇ ئاساسىي قاتلامغا يېتىپ بارالمايدۇ، ھەرقانچە مۇكەممەل تۈزۈممۇ قۇرۇق ئايلىنىشقا پېتىپ قالىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «قانۇن» بويىچە ئىش قىلماسلىق ھادىسىسى ھەم ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلماسلىق ئىللىتى، ھەم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئورتاق ئىللىتىدۇر.

  كادىرلارنىڭ «ئىش قىلىشى» بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ھەم ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشنى ئويلىسا، ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىسا، «رەھبەرلەرنى رازى قىلىش»نىلا ئويلاپ، «ئاممىنى رازى قىلىش»قا سەل قارىسا، ئۇنداقتا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازى، يىراقلاشتۇرىدىغىنى پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى. بىلىش كېرەككى، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە، پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكى سىياسىي نەتىجىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىدۇر. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئىش ئورنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «ئەمەلدارلىق كىبىرى»نى يوقىتىپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەندىلا، ئاندىن قوللاشقا، ئىشەنچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ