يۈننەن ۋېنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ئېكسپېدىتسىيە: «دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون» ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شادلىق باغچىسى

2021.08.16 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، COP15 «دۇنيادىكى غايىۋى باغچا. يۈننەن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بويىچە پۈتۈن تاراتقۇ باش تېمىلىق زىيارەت سەپىرى» ئەترىتى يۈننەن ۋېنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونغا كىرىپ، قوغداش رايونىدىكى قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋە ئالاھىدە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  ۋېنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ۋېنشەن جۇاڭزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ۋېنشەن شەھىرى ۋە شىچوۋ ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان، تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون ۋېنشەن شەھىرى لاۋجۈنشەن تەۋەلىك رايونى ۋە شىچوۋ ناھىيەسى شياۋچياۋگۇ تەۋەلىك رايونىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان.

  يۈننەن داشۆسى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت شۆيۈەنىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى لۇ شۇگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋېنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونىدا ئاساسلىقى خۇاگەي ياغىچى ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل ماگنولىيە ئائىلىسى ئۆسۈملۈكلىرى ھەم بولې دەرىخى، تۈكلۈك شاخلىق يىڭنىلىك قارىغاي قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئالاھىدە ئۆسۈملۈكلەر توپى ھەم ھەرە مايمۇن، پاكار ھەرە مايمۇن قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلار قوغدىلىدۇ، بۇ، ئىسمى ـ جىسمىغا لايىق دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شادلىق باغچىسى.

  ۋېنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى لاۋجۈنشەن شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بەي يۇڭفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋېنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانات-ئۆسۈملۈك تۈر گېن ئامبىرى. تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوندا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ، ئۆسۈملۈك جەھەتتە خۇاگەي دەرىخىدىن باشقا، يەنە چوڭ يوپۇرماقلىق ماگنولىيە، خۇش پۇراقلىق ماگنولىيە، ئۇزۇن گۈللۈك ماگنولىيە، يۈننەن يەككە جىنسلىق ماگنولىيەسى، زەرنەپ دەرىخى، تۈكلۈك شاخلىق يىڭنىلىك قارىغاي، يۈننەن باشاقلىق زەرنەپ دەرىخى، بېرلېيە دەرىخى قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن 35 خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئالتە خىل، 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك 29 خىل؛ ھايۋانات جەھەتتە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ھەرە مايمۇن، پاكار ھەرە مايمۇن، ئورمان ئىپار كىيىكى قاتارلىق دۆلەت 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان سەككىز خىل ھايۋان ۋە دۆلەت 2- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان 12 خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بار؛ قوش ماكانلىق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلاردىن بوغما يىلان، قىزىل تىرىخورا سەمەندەر، تاغ تاشپاقىسى، چوڭ تام پاتمىچۇقىدىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان تۆت خىل ھايۋان بار؛ دۆلەت2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇشلاردىن سۇمۇرغ باشلىق بۈركۈت، ئاق قورساقلىق قىرغاۋۇل قاتارلىق 20 خىل ھايۋان بار.

  ۋېنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون قەدىمىي، ئەتىۋارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر توپلاشقان جاي بولۇپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشى قەدىمىي، ئەتىۋارلىق، كۆپ خىل ۋە مۇكەممەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەملىكەت بويىچە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىۋە ئەتىۋارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ئەڭ مول بولغان قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، سىستېمىلىق يېتىلىشى، تۈرگە ئايرىش ئىلمى ۋە رايون سىستېمىسى ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم رايون.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ