مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ياڭ چيەن قاتارلىق 26 ئايال تەنھەرىكەتچىگە مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى، جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسىغا مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ دەپ نام بەردى

2021.08.16 09:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ئايال تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ 32 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەلا نەتىجىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا ياڭ چيەن، خوۋ جىخۇي، سۇن يىۋېن، ۋاڭ خەن، جياڭ رەنشىن، چېن يۈنشيا، جاڭ لىڭ، لۈ ياڭ، سۈي شياۋتۇڭ، جاڭ يۈفېي، ياڭ جۈنشۈەن، لى بىڭجيې، چېن مېڭ، جۇ شۆيىڭ، خۇاڭ دۇڭپىڭ، لۇ يۈنشيۇ، گۇڭ لىجياۋ، چېن يۈفېي، ۋاڭ جوۋيۈ، باۋ شەنجۈ، لى ۋېنۋېن، سۈن يىڭشا، ۋاڭ مەنيۈ، ليۇ شىيىڭ، شۈ شىشياۋ، سۈن مېڭيا قاتارلىق 26 نەپەر ئايال تەنھەرىكەتچىگە مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى دەپ بېرىشنى، جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسىغا مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى. ئالاقىدار باھالاش، تەقدىرلەش چارىلىرىگە ئاساسەن، شى تىڭماۋ، جۇڭ تيەنشى ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە 8 - مارت قىزىل بايراقدارى دېگەن نامغا ئېرىشىپ بولغاچقا، قايتا بېرىلمىدى؛ چېن يۈشى، جاڭ جياچى، تاڭ مۇخەن، گۇەن چېنچېن، چۈەن خۇڭچەنلەر 18 ياشقا توشمىغاچقا ، مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى بولۇپ باھالىنىشقا قاتناشمىدى.

  قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 32 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ئولىمپىك روھى ۋە جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، 38 ئالتۇن مېدال، 32 كۈمۈش مېدال، 18 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئايال تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىدە باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ، يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ غۇرۇرى، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك ئاياللار سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، مىليونلىغان ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەقدىرلەنگەن ئايال تەنھەرىكەتچىلەر ۋە كوللېكتىپنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى كەڭ ئاياللارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تەقدىرلەنگەن ئاياللار ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاش، كۈرەش قىلىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك يۈكسەك ئىنتىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى، ئەستايىدىل مۇنەۋۋەر پەزىلىتىنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، بىرىنچىلىكنى تالىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئۆز خىزمەت ئورنىدا يېڭىلىققا ئىنتىلىپ، ھالقىشقا ئىنتىلىپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى، مەدەنىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئارزۇغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ