مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپ»لەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى باشقىلارنىمۇ ئۆزىدەك چاغلاپ قالغانلىق

2021.08.13 23:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلىرى تۈرلۈك پىتنە-پاساتلارنى توقۇپ چىقىپ، جۇڭگو شىنجاڭغا تۆھمەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىدە ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئىرقىي يوقىتىش، ئىرقىي كەمسىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قالايمىقانچىلىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكا تارىخىنى بايان قىلىپ تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ باشقىلارنىمۇ ئۆزىدەك چاغلاپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى.

  شىنجاڭ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تارىخى ئىندىئانلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زىيانكەشلىك قىلىش ۋە قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن تولغان بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىدا ئىندىئانلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران %2 ىنىلا ئىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «ئامېرىكا ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنى كەمسىتىپ ۋە خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، ئاسىيالىق پۇشتىدىن بولغانلارنى خالىغانچە بوزەك قىلدى.» زۇلھايات مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق خەرىتىسى» تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئامېرىكا ساقچىلىرى جەمئىي 1127 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %13 ىنى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ %28 ىنى ئىگىلىگەن، سانى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. زۇلھايات مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق ئېغىر ئىرقىي يوقىتىش ۋە ئىرقىي كەمسىتىش ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللىي سىياسىتى ھەققىدە قالايمىقان سۆزلەشكە قانداق سالاھىيىتى بار؟»

  «ئامېرىكا بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يالغاندىن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا ‹كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى›نى بىلدۈردى.» ليۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىسلام دىنىغا قىلچە ھۆرمەت قىلمايدۇ، مۇسۇلمانلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بەلكى ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى سۈنئىي پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ