مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ باشقۇرۇشى زەھەر ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش بولۇپ، ئاخىر ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ

2021.08.13 23:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى ئاز ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش» قىلمىشىنى جازالىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 12-ئاۋغۇست ئۆتكۈزگەن شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ قانۇن تونىغا ئورۇنىۋېلىپ خەلقئارا قانۇنچىللىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جازالاش تايىقىنى ھەر تەرەپكە پۇلاڭلىتىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى ئۇزۇن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىلا ئامېرىكا قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق، ياپونىيەنىڭ توشىبا قاتارلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنى ۋەيران قىلغانىدى. 2013-يىلى ئامېرىكا «ئۇزۇن بىلەكلىك ئەدلىيە»نى قورال قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ماگناتى ئارستوننى ئۆلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئايروبۇس شىركىتى، ياپونىيە ئاپتوموبىل كارخانىسى، شىۋېتسىيە ئېرىكسون شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچرىغان.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە خالىغانچە بوھتان چاپلاپ، ھە دېسىلا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىغا ئاساسەن شىنجاڭغا ئالاقىدار ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلەرگە يەككە تەرەپلىك جازا يۈرگۈزدى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق زومىگەرلىك قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەنقىدىنى قوزغىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ باشقۇرۇش ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسىنى باستۇرىدىغان، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىدىغان زومىگەرلىك قورالىغا ئايلاندى. ئامېرىكا دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنلارنى خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خالىغانچە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، باشقا دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى باراۋەر بولۇشتەك خەلقئارا قانۇنچىللىق ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلقئارا تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى، بۇ ھەقىقەتەن جاھاننىڭ لەنىتىگە تەۋەككۈل قىلغانلىق. ئامېرىكا قارىماققا «ئىشلىتىشكە ئەپلىك كۆرۈنىدىغان» بۇ خىل قاتىللىق قورالىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەتتى، ئەمەلىيەتتە بولسا زەھەر ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش بولۇپ، پەقەتلا زومىگەرلىكتە ئەسلىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، غالجىرلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ، مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىنىڭ تەقدىرى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ