مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا خەلقئارا تەرتىپنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى

2021.08.13 21:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ ۋە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدا بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى ئېغىر ئىرقىي مەسىلە مەۋجۇت، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خالىغانچە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، خەلقئارا تەرتىپنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، بۇ ھەقىقەتەن جاھاننىڭ لەنەت-نەپرىتىگە تەۋەككۈل قىلغانلىق.

  يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى ئاز ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش» قىلمىشىنى جازالىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۈ گۈيشياڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ھە دېسىلا شىنجاڭغا ئالاقىدار ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلەرگە قارىتا يەككە تەرەپلىك جازا يۈرگۈزدى، قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ باشقۇرۇش ئامېرىكىنىڭ چەت ئەل ئەمەلىي گەۋدىسىنى بېسىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ھەتتا باشقا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشتىكى زومىگەرلىك قورالىغا ئايلاندى.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئەزەلدىن قولچىراغ بىلەن باشقىلارنى يورۇتىدۇ، لېكىن مەڭگۈ ئۆزىنى يورۇتمايدۇ. ‹قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ باشقۇرۇش› قارىماققا ‹ئىشلىتىشكە ئەپلىك قىرغۇچى قورال›دەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە زەھەر ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش بولۇپ، پەقەتلا زومىگەرلىككە ئەسلىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ، مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىنىڭ تەقدىرى.»

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق قارىدى: مۇسۇلمانلار توپى ئامېرىكىدا ئۇزاق مۇددەت كەمسىتىشكە، بېسىمغا ئۇچراپ، ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، باشتىن-ئاخىر «ئىشەنچكە ئېرىشمىگەن چەتتىن كەلگەنلەر» دەپ قارىلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي سىياسىي ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، ئىجتىمائىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولالمىدى.

  شىنجاڭ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭدا «ئىرقىي يوقىتىش»نى يولغا قويدى، دەپ ئەيىبلىدى، لېكىن ئامېرىكا «ئىرقىي يوقىتىش»نى ھەقىقىي يولغا قويغان دۆلەت.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ