مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىڭداۋ جياۋدۇڭ خەلقئارا ئايرودرومى ئايرودروم ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى رەسمىي باشلىدى

2021.08.13 11:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاۋغۇست، چىڭداۋ جياۋدۇڭ خەلقئارا ئايرودرومى ئايرودروم ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى رەسمىي باشلىدى(سۈرەتنى جياۋدۇڭ خەلقئارا ئايرودرومى تەمىنلىگە)، چىڭداۋ ليۇتىڭ خەلقئارا ئايرودرومى شۇنىڭ بىلەن تاقالدى.

  جياۋدۇڭ ئايرودرومى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى تۇنجى 4 Fدەرىجىلىك ئايرودروم، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 18 «ئەلىي ئايرودروم» ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2025- يىلىغىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 35 مىليون ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 500 مىڭ توننا، ئايروپىلان ئۇچۇش - قونۇش مىقدارى 300 مىڭ ئايروپىلان قېتىم بولغان كاپالەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتىدە جياۋدۇڭ ئايرودرومى «پۈتۈن ئۆتۈشمىلىك، تولۇق ئىستېرېئولاشقان، نۆل ئالمىشىدىغان» ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، مېترو ئاۋىياتسىيە بىناسى ئاستىدىلا كېسىشىپ ئۆتكەن ھەم بېكەت تەسىس قىلغان.

  ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى جەھەتتە، بۇ ئايرودرومنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى تەخمىنەن 130 غا يېتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەر توپىدىكى يادرولۇق شەھەرلەر ۋە باشقا رايونلاردىكى مۇھىم ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى شەھەرلىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى، تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تىجارەت تورى 3-، 4- لىنىيەدىكى شەھەرلەرنى قاپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ