100 يىللىق كۈرەش يولى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش — جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى نەسەبنامىسى

يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى قوغداش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش

— بىڭتۈەن روھى توغرىسىدا مۇلاھىزە

2021.08.12 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 71 يىل ئىلگىرى، ماۋ زېدۇڭ شېئىر يېزىپ، تىنچ ئازاد بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ زېمىنىغا قايناق نەزەر تاشلىغانىدى.

  1954-يىلى 10-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز جايىدا كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، دۆلەتنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى قوغداش ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە بىڭتۈەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېقىنىغا ئۈزلۈكسىز قوشۇلدى. 60 نەچچە يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، بىڭتۈەن ئوغۇل-قىزلىرى قىزىل قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە باشتىن-ئاخىر ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»نى ئىچكى يادرو قىلغان بىڭتۈەن روھىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، چېگرا رايوندا قۇملۇقنى بوستانلىققا، چۆل-باياۋاننى يۇرت-ماكانغا ئايلاندۇرۇشتەك مۆجىزە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى.

  2020-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.»

  يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەنلىكلەر ئەجدادلار ياراتقان قىممەتلىك روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە داۋاملىق يېڭى شەرەپلەرنى ياراتماقتا.

  سۈرەتتە: ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ چۆللۈكتە بوز يەر ئاچقان كۆرۈنۈشى (ماتېرىيال سۈرەت).

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ