مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يازلىق تەتىلدە ھەربىي مەشق ۋاقتىنچە توختىتىلدى! بېيجىڭ شەھىرى ئوقۇش باشلاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى

2021.08.12 13:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 11- كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

  بېيجىڭنىڭ سىرتىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭغا قايتىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېچىكتۈرۈلىدۇ.

  بېيجىڭنىڭ سىرتىدىكى خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلار 48 سائەت ئىچىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي ئىسپاتىنى ئېلىپ، ساغلاملىق يېشىل كودى ۋە مۇساپە يېشىل كودى ئارقىلىق مەكتەپكە قايتسا ۋە مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

  يازلىق تەتىلدە بارلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي مەشىقى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل يازلىق لاگېر قاتارلىق پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  زۆرۈر بولمىغان يازلىق تەتىللىك يىغىن پائالىيەتلىرى بىردەك كېچىكتۈرۈلىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، تور شەكلىگە ئۆزگەرتىلىدۇ.

  ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە يازلىق تەتىللىك تور سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى قايتا تەشكىللىمەيدۇ.

  يازلىق تەتىلدە بارلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي مەشىقى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل يازلىق لاگېر قاتارلىق پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  كۈزلۈك ئوقۇش باشلاشتا «كۈنلۈك دوكلات» «نۆل دوكلات» تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ