خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11-سېنتەبىر ئېچىلغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەر 1-سېنتەبىر ئۆز قەرەلىدە دەرس باشلايدىكەن.
خىزمەت لايىھەسىگە ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەرلىك رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر (ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەب، ھەردەرىجىلىك يەسلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەۋە رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرۇشلۇق رايوننىڭ خەۋپ ـ خەتىرى تۆۋەن رايونغا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، يەنە 48 سائەت نوكلېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي ئىسپاتى بىلەن مەكتەپكە قايتسا بولىدۇ. بېيجىڭدىكى خەۋپ ـ خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەر رايونلىرىغا بارماسلىقى، توپلىشىپ ئولتۇرماسلىقى، يىغىلىش ئۆتكۈزمەسلىكى، شەخسىي قوغدىنىش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،ۋاقتىدا مەكتەپكە قايتىپ كېلىشى كېرەك.
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر،بىللە ئولتۇراقلاشقان ئائىلە ئەزالىرىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋال بولسا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بېيجىڭدا 14 كۈن توشقاندا، نوكلېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزى 48 سائەت ئىچىدە نوكلېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي ئىسپاتى بىلەن مەكتەپكە قايتىپ كەلسە بولىدۇ. چېگرا ئىچىدىكى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملار پەرزەنتلىرى مەكتىپى، ئەلچىخانا خادىملىرى پەرزەنتلىرى مەكتىپىۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىشى يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ