مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلدى

جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 38 ئالتۇن مېدال، 32 كۈمۈش مېدال، 18 مىس مېدالغا ئېرىشتى

2021.08.10 21:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 32-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاۋغۇست كەچتە يېپىلدى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 38 ئالتۇن مېدال، 32 كۈمۈش مېدال، 18 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكى ۋە مېدال تىزىملىكىدە 2-ئورۇندا تۇردى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، قارىغا ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلسىپىت مىنىش قاتارلىق تۈرلەردە ماھارىتىنى كۆرۈنەرلىك جارى قىلدۇرۇپ، تۆت تۈردە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 21 تۈردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتىنى ياراتتى. سۇغا سەكرەش، تىكتاك توپ قاتارلىق تۈرلەر يەنىلا ئالتۇن مېدال، مۇكاپات تالىشىشتىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ، پەي توپ، گىمناستىكا قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، يېنىك ئاتلېتىكا قاتارلىق ئاساسىي چوڭ تۈرلەردە ئىلگىرىلەش كۆرۈنەرلىك بولدى، مۇسابىقە قېيىقى، تۇلۇم قولۋاق، يەلكەنلىك كېمە قاتارلىق سۇ ئۈستى تۈرلىرىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى.

  جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈشكە ئېلىپ كەلگەن كەسكىن خىرىسىنى يېڭىپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ئىلمىي مەشىق قىلىپ، بەسلىشىشكە، بىرىنچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 206 ۋەكىللەر ئۆمىكى بەش چەمبەرلىك بايراق ئاستىغا يىغىلدى، جەمئىي 65 ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتۇن مېدالغا، 93 ۋەكىللەر ئۆمىكى مېدالغا ئېرىشتى.

  33-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2024-يىلى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ