مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى

—— جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز

2021.08.10 21:27 مەنبە: خەلق تورى

  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، جۇڭگو ئەزىمەتلىرى شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. 32-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەلا تەنھەرىكەت نەتىجىسى، مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئېسىل ئىپادىسى، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى بىلەن ۋەتەن ۋە خەلققە يېڭى شان-شەرەپ كەلتۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا يېڭى شەرەپ كەلتۈردى. جاپا چەكتىڭلار! ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كەڭ تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا يەكۈنلەپ چىققان ‹دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش› ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى تەستە قولغا كەلگەن، ئىنتايىن قىممەتلىك، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.» بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك خىرىسلارنى يېڭىپ، قەيسەر ئىرادە پەزىلىتى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تەنتەربىيە مۇسابىقە مەيدانىدا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، 38 ئالتۇن مېدال، 32 كۈمۈش مېدال، 18 مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىلىپ، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ئارقا-ئارقىدىن ياڭراپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئېلىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئولىمپىك روھى ۋە جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ، ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش، مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش، ئولىمپىك ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرۈش، كىشىلىك ھاياتقا شەرەپ كەلتۈرۈشتەك كۈرەش ئىرادىسىنى جانلىق نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللىي ئىشەنچى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى، بۇ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.

  ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغ روھقا موھتاج، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. «چىن قەلبدىن ئۇرغۇپ چىققان جۇڭگو كۈچى» سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى جاڭ يۈفېينىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئالتۇن مېدال ئېلىپ، رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىشىغا ياردەم بەردى؛ «ئاخىرقى نۇقتىنى سۈرۈشتۈرمەي، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىش» پوزىتسىيەسى بىلەن ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرگەن تىك-تاك توپ تەنھەرىكەتچىسى ما لۇڭ «قوش چەمبەر بويىچە تولۇق «چېمپىيون بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ گىمناستىكا ماھىرى شياۋ روتېڭ ئادەتتىن تاشقىرى ماھارىتى ۋە ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەسلىك روھى بىلەن كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى؛ «مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئۇچار ئادەم» سۇ بىڭتيەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ يۈز مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى جۇڭگو ماھىرى بولۇپ قالدى... ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى نامايان قىلدى، «كىشىلىك ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۈندە كەلمەيدۇ» دەيدىغان جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى نامايان قىلدى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق روھ بولۇشى كېرەك. بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئېلىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى نامايان قىلغان جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشانى.» يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ «تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش» تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ماھارەت تەنتەربىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا مۇسابىقىلەردە دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق، بولۇپمۇ كەڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تەنتەربىيە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىنىڭ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ تەنتەربىيە ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

  بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كاتتا يىغىلىشى، يەر شارى تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئادىل ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسىدۇر، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئېچىۋېتىلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر نۆۋەتلىك ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تەنتەربىيە كۈچلۈك بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت كۈچلۈك بولسا تەنتەربىيە كۈچلۈك بولىدۇ. تەنتەربىيە خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى نامايان قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىستىقبالغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك!

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ