مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-مۇسابىقە كۈنى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

چۈەن خۇڭچەن ئون مېتىرلىق سۇپىدىن سۇغا سەكرەشتە ئۈچ قېتىم تولۇق نومۇر ئېلىپ، چېمپىيون بولدى

ئاياللار تىكتاكتوپكوماندىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولدى

2021.08.09 09:23 مەنبە: خەلق تورى

  چۈەن خۇڭچەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا.

  بەي يۈ فوتوسى

  چېن مېڭ، سۈن يىڭشا، ۋاڭ مەنيۈ (سولدىن ئوڭغا) مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا.

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ شياگۇاڭ فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 13-مۇسابىقە كۈنى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي 34 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە داۋاملىق ئالدىدا تۇردى.

  سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەڭ ياش ماھىر، 14 ياشلىق چۈەن خۇڭچەن تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئاياللارنىڭ ئون مېتىرلىق سۇپىدىن سۇغا سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2-، 4- ۋە 5-قېتىملىق سەكرەشتە تولۇق نومۇر ئېلىپ، 466.20 نومۇرلۇق ئومۇمىي نەتىجە بىلەن ئاياللارنىڭ ئون مېتىرلىق سۇپىدىن سۇغا سەكرەش تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىپ چېمپىيون بولدى. يەنە بىر جۇڭگو ماھىرى چېن يۈشى 425.40 نومۇر بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتە ئالتۇن مېدال، تۆت كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

  ئاياللار تىكتاك توپكوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېن مېڭ، سۈن يىڭشا، ۋاڭ مەنيۈدىن تەركىب تاپقان جۇڭگو كوماندىسى 3:0 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولدى، ئاياللار تىكتاك توپكوللېكتىپ تۈرىدە جۇڭگو كوماندىسى2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگەندىن بۇيان، ئۇدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولدى. جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

  يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدا، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى جۇ يامىڭ ئەرلەرنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك يىراققا سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ئىككى قېتىم يېڭىلىدى، ئەڭ ئاخىرىدا 17 مېتىر 57 سانتىمېتىر نەتىجە بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ بۇ تۈردىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخى بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇمۇ 2016-يىلى رىئودى ژانېرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۇڭ بىن بۇ تۈردە مىس مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك يىراققا سەكرەش تۈرىدە مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ 100 × 4 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىدە تاڭ شىڭچياڭ، شيې جېنيې، سۇ بىڭتيەن، ۋۇ جىچياڭلاردىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى 37 سېكۇنت 92 دەقىقە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ