مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇداپىئە تورىنى پۇختىلاپ، قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم

ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىندى («14-بەش يىل»دا بىز مۇنداق قەدەم ئالدۇق)

2021.08.06 21:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سىگنال بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇپ، ئايرىش تېمىنى پۇختىلىغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا توقۇپ، خەلقنى ھاياتلىق مەزگىلىدىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن ھەر تەرەپلىمە، تولۇق تەمىنلەش كېرەك.

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۆلەت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىدا ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. يېڭى ئاپپاراتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى تەشكىللەپ ۋە قوزغاپ، ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە ساغلاملىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، خەلقنىڭ ساغلام تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا پائال تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

  −− دۆلەت زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى تېببىي مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە لىنىيەسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى

  يەر ئۈستىدە 10 قەۋەت، يەر ئاستىدا بىر قەۋەت، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 105 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر بىنا قەد كۆتۈردى، نۇرغۇن ئىشچىلار بىنانىڭ سىرتىدىكى جازىلارنى چۇۋۇپ ئېلىۋېتىپ، بىناغا ئەينەك پەردە تام ۋە ئاليۇمىن تاختا ئورنىتىۋاتاتتى. بۇ، مۇخبىرنىڭ يېقىندا ۋۇخەن گۇاڭگۇ توڭجى بالىلار دوختۇرخانىسى تۈر قۇرۇلۇشى ئورنىدا كۆرگەن كۆرۈنۈش.

  2020-يىلى 4-ئايدا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى تۇڭجى دوختۇرخانىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، دۆلەت مۇھىم، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى تېببىي مەركىزى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇھىم، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە داۋالاش-قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى. يېقىندا، دۆلەت زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى تېببىي مەركىزى تۇڭجى دوختۇرخانىسى گۇاڭگۇ دوختۇرخانىسى رايونىدا ئىش باشلىدى، گۇاڭگۇ تۇڭجى بالىلار دوختۇرخانىسى ئۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى.

  مۇخبىر قۇرۇلۇش لىفىتىغا ئولتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىردى، بىر نەچچە كېسەلخانا بېزەپ بولۇنغان ئىدى. كېسەلخانىغا بالىلار تام قەغىزى چاپلانغان بولۇپ، ئىنتايىن ئىللىق ئىدى. جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش 3-ئىدارىسىنىڭ باش ھۆددىگەر شىركىتى گۇاڭگۇ تۇڭجى بالىلار دوختۇرخانىسى تۈرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن دىرېكتورى لىن خۇامىن مۇنداق دېدى: «بىز رېلىسلىق ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىنى لايىھەلىدۇق. دورىلار دورىخانىدىن ھەرقايسى بۆلۈملەرگە تارقىتىلىدۇ، رېلىسلىق ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى ھەم ئەشيا ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ، ھەم ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئازايتىدۇ.»

  ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ گۇاڭگۇ رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسىدا جەمئىي 3000 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار. بۇ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسى بولۇپ، ھەر ۋاقىت جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. «ماشىنا توختىتىش بىناسى تۆت تەرەپتىن ھاۋا ئالماشتۇرۇلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتە لايىھەلەنگەن. ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ئىشىكىنى چۈشۈرۈپ ياكى ۋاقىتلىق يېڭىدىن تام سالساق، چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىغا ئايلىنىدۇ» دېدى تۇڭجى دوختۇرخانىسى دۆلەت زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى تېببىي مەركىزى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ليۇمىڭ.

  «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز جۇڭگو كېسەللىك مۇداپىيە-كونترول مەركىزىنىڭ 2-قارارلىق تۈرىنى يولغا قويىدۇ ھەم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆلكە دەرىجىلىك كېسەللىك مۇداپىيە-كونترول مەركىزىگە تايىنىپ، رايون ئاممىۋى سەھىيە مەركىزىدىن 15نى قۇرۇپ، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، ئاممىۋى سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىقلارنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  −− دۆلەت تېببىي جەھەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش بازىسى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، تېببىي جەھەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى

  جاراھەت تەكشۈرۈش، تىترەشنى يوقىتىش، يۈرەك-ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش... «جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بۇرچى – 2021» بىرلەشمە مانېۋىرىدىكى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە، تېببىي خادىملار «يارىدار»لارنى جىددىي، تەرتىپلىك قۇتقۇزۇۋاتاتتى.

  دوختۇرخانا كېسەلخانىدا ياتىدىغان بىماردىن 40نى، ئامبولاتورىيەدە جىددىي داۋالىنىدىغان بىماردىن 200نى سىغدۇرالايدىغان بولۇپ، دالا سۆڭەك بۆلۈمى، نېرۋا تاشقى بۆلۈمى، كۆيۈك بۆلۈمى، ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە ئېڭەك-يۈز تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى بويىچە ئۆلچەملىك داۋالىيالايدۇ. دۆلەت سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۆچمە داۋالاش-قۇتقۇزۇش مەركىزى (سىچۈەن داشۆ خۇاشى دوختۇرخانىسى)نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش كېسەلخانىسىنىڭ كارىۋات يېنىغا نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، كۆزىتىش ئەسۋابى، تىترەشنى يوقىتىش ئەسۋابى، 24 سائەت قان تازىلاش ماشىنىسى، بەدەن سىرتى سۈنئىي پەردىلىك ئۆپكە قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسۋابلار سەپلەنگەن بولۇپ، يارىدارلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە ھاياتلىق مەدىتى بەرگىلى بولىدۇ.

  سىچۈەن داشۆسى خۇاشى دوختۇرخانىسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يەن خۇي مۇنداق دېدى: سىچۈەن ئۆلكىسى دۆلەت تېببىي جەھەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش بازىسى قۇرۇپ، قۇرۇقلۇقتا، ھاۋادا ئىستېرېئولۇق ھەمكارلىشىپ قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۈەن، چىڭخەي، شىزاڭ، ھەتتا ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك، زەھەرلىنىش، يادرو رادىياتسىيەسى قاتارلىق ئالاھىدە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا، تۈركۈملىگەن ئاغرىقلارنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش-داۋالاش رولىنى جارى قىلدۇرماقچى.

  «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېقىن ئەتراپتا بولۇش، كەسپىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ھازىر بار بولغان چوڭ تىپتىكى 3-دەرىجىلىك A دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت تېببىي جەھەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش بازىسىدىن تەخمىنەن 20 نى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە ئىلغار، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم دۆلەت تېببىي جەھەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش بازىسى قۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېببىي جەھەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي جەھەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، قىسمەن دۆلەت ئىچى، ھەتتا خەلقئارادا تېببىي جەھەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  −− دۆلەتنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش بازىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش تېخىمۇ زىچ بولدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە، گۇاڭجوۋ جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا دەرھال جىددىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىگنالىنى چالدى. قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تېببىي خادىملار ۋە ئارقا سەپ كاپالەت خادىملىرى مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، لايىھە بويىچە تېز يىغىلدى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئامبىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى تېز يۆتكەلدى، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر تېز ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ياڭ جۇڭچى مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ساقلايمىز.»

  گۇاڭجۇ جۇڭيى تېبابىتى داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش بازىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇردى. ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى كېسەلخانا شىمالىي بىناسى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئايرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن «ئۈچ رايون، ئىككى يول» ۋە تىنچ مەزگىلدىكىسى بىلەن ئۇرۇش مەزگىلدىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش كېسەلخانىسىنى لايىھەلەپ، يۇقۇم ئېھتىياجى بولغاندا قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېغىر كېسەللەر كارىۋىتىدىن 200ى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەم مەنپىي بېسىملىق ئوپېراتسىيە ئۆيى، مەنپىي بېسىملىق كۆزىتىش ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ۋە قىزىش مەخسۇس CTسى، سۈنئىي پەردىلىك ئۆپكە قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇمغا ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىدۇ. ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دوختۇرخانىنىڭ شىمالىي بىناسىدا ئادەتتە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى قۇرۇلسا بولىدۇ، تۇيۇقسىز يۇقۇم يۈزبەرگەندە مۇستەقىل بولغان زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش بۆلىكىگە ئايلىنىدۇ، يەنە كېسەلخانا بىناسى ۋە پۈتۈن دوختۇرخانىغا كېڭەيتىپ، تېزلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  ياڭ جۇڭچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇم ئەھۋالىدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش بازىسى قۇرۇلۇشى جەريانىدا، بىز كۈتۈلمىگەن ئېھتىياج ئۈچۈن قىزىتمىلىق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى 400دىن ئارتۇق قەدىمكى رېتسېپنى رەتلەپ يىغدۇق. نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يىغىپ ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلۇشى تاماملاندى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىق تۈرلۈك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى تولۇق ھازىرلاندى، قۇتقۇزۇش-داۋالاش بازىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل 11-ئايدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى.

  «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يەنە تەخمىنەن 20گە يېقىن دۆلەتلىك ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش بازىسى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك بويىچە قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ھالىتىدىكى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئاۋاز قوشۇش، رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش، خادىملارنى توپلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەرىجىگە، قاتلامغا ئايرىلغان، تارقاقلاشتۇرۇلغان يۇقۇملۇق كېسەللىك قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ