مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 24 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2021.08.03 18:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاۋغۇست، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 9-مۇسابىقە كۈنىدە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 24 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقە مەيدانىدىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. ئاياللار چويۇن توپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى گۇڭ لىجياۋ 20 مېتىر 58 سانتىمېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى. بۇ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا ئېرىشكەن تۇنجى يېنىك ئاتلېتىكا تۈرى ئالتۇن مېدالى. ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى سۇ بىڭتيەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 9 سېكۇنت 83 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلاپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى جۇڭگو تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالدى.

  ئاياللارنىڭ ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سۇغا سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى شى تىڭماۋ ئىزچىل ئالدىدا تۇرۇپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى ۋاڭ خەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى بۇ تۈردە ئۇدا توققۇز قېتىم چېمپىيون بولدى.

  پەي توپ ئاياللار يەككە ئويناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى چېن يۈفېي ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. (ئالاقىدار خەۋەرلەرنى 10-، 11-بەتتىكى ئولىمپىك ئالاھىدە سانىدىن كۆرۈڭ)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ