مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى!

2021.08.02 12:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 30-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش پەن تۈرىۋە غەيرىي پەن تۈرى دائىرىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دەرسلەرنى تەسىس قىلىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغاندا، ئەخلاق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى (ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، رۇس تىلى) ، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە قاتارلىق پەن تۈرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. يۇقىرىقى پەنلەرگە چېتىلىدىغان، دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش مەزمۇنى بويىچە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەممىسى پەن تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدۇ.

  مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغاندا، تەنتەربىيە (ياكى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق)، سەنئەت (ياكى مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت) پەنلىرى ھەم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى (ئۇچۇر تېخنىكىسى تەربىيەسى، ئەمگەك ۋە تېخنىكا تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىقلار غەيرىي پەن تۈرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

  جايلار دۆلەتنىڭ دەرس لايىھەسى ۋە دەرس ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەپ، دائىملىق ئۆتكەلنى ئىگىلەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ