مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافغانىستان تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى

2021.07.29 20:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىشخانىسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاچقان قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى / فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مۇنداق سورىغان: خەۋەر قىلىنىشىچە، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تيەنجىندە ئافغانىستان تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى ھازىرمۇ جۇڭگودىمۇ، جۇڭگو تەرەپ قاچان خەۋەر ئېلان قىلىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن مۇنداق جاۋاب بەردى: 28-ئىيۇل، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تيەنجىندە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستان تالىبان سىياسىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بارادار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئافغانىستان تالىبان دىنىي كومىتېتى ۋە تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئافغانىستان تالىبانلىرى ئافغانىستاندىكى مۇھىم ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش ۋە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىشىدىن ئۈمىد بار. ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم بىلىپ، تىنچلىق سۆھبىتى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تىنچلىق نىشانىنى بېكىتىپ، ئىجابىي ئوبراز تىكلەپ، كەڭ قورساق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى مەزھەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، «ئافغانىستانلىقلار يېتەكچىلىك قىلىش، ئافغانىستانلىقلار ئىگە بولۇش» پىرىنسىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىدە بالدۇرراق ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، كەڭ دائىرىدە سىغدۇرىدىغان سىياسىي قۇرۇلمىنى ئۆز ئالدىغا بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چەك-چېگرانى ئۈزۈل-كېسىل ئېنىق ئايرىپ، ئۇلارغا قەتئىي، ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پايدىلىق شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بارادار جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىزچىل ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوستى. ئۇ جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىدە جارى قىلدۇرغان ئادىل ۋە ئىجابىي رولىنى ماختىدى. ئافغانىستاندىكى تالىبانلار تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق سەمىمىيەت بىلەن قارايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاندا كەڭ قورساق بولۇپ، بارلىق ئافغانىستان خەلقى قوبۇل قىلىدىغان سىياسىي قۇرۇلما بەرپا قىلىپ، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھەرقانداق كۈچنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستان قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك. ئافغانىستان تالىبانلىرى ئافغانىستاننىڭ تىنچ قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىپ، كەلگۈسىدىكى ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافغانىستان تالىبانلىرىمۇ مۇۋاپىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ