مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ خىل قىلمىشلارغا مائارىپ مىنىستىرلىقى قىلچە يول قويمايدۇ

2021.07.29 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 28- كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلاش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلاش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىشتەك مەسىلىنى مەخسۇس نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا توققۇز ئايلىق مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق، جايلاردىن ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆز-ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇپ، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مەسىلىلەرنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، تەسىرى يامان بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «دەرس ۋاقتىدا ئۆتمەي دەرستىن چۈشكەندە ئۆتۈش»، «مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشقا تەشكىللەش»، «ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق قىلمىشلىرىغا «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى تۇتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ