مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى مۇسابىقە كۈنى

جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

ياڭ چيەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشتى

2021.07.27 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى مۇسابىقە كۈنى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي ئۈچ ئالتۇن مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاياللارنىڭ 10 مېتىرلىق يەل مىلتىقتا قارىغا ئېتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ماھىر ياڭ چيەن 251.8 ھالقا نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولۇپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ياڭ چيەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن ئۈچىنچى جۇڭگولۇق ئايال يەل مىلتىق ماھىرى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2004-يىلىدىكى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2012-يىلىدىكى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، دۇ لى بىلەن يى سىلىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلغان ئىدى.

  ئاياللارنىڭ 49 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگونىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى خوۋ جىخۇي 94 كىلوگىراملىقلار بويىچە دەس كۆتۈرۈش، 116 كىلوگىراملىقلار بويىچە تىك كۆتۈرۈش، ئومۇمىي نەتىجە 210 كىلوگىرام بولۇش بىلەن چېمپىيون بولدى، دەس كۆتۈرۈش، تىك كۆتۈرۈش ۋە ئومۇمىي نەتىجە جەھەتتە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. بۇ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئىككىنچى ئالتۇن مېدالى.

  قىلىچۋازلىق مەيدانىدا، 29 ياشلىق جۇڭگولۇق ماھىر سۈن يىۋېن ئاياللارنىڭ قىلىچۋازلىق يەككە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 11:10 نەتىجە بىلەن رۇمىنىيە ماھىرىنى يېڭىپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن يەنە بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار قىلىچۋازلىق يەككە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشى.

  تۆتىنچى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پېشقەدەم ماھىر پاڭ ۋېي ئەرلەرنىڭ 10 مېتىرلىق يەل تاپانچا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ