مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى! «خاڭجۇدىكى ئايالىنى ئۆلتۈرۈش دېلوسى»غا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى

2021.07.27 12:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 14 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار شۈ گولىنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار شۈ گولىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى؛ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى بويىچە دەۋاگەر ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جاۋابكار شۈ گولىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لەي فامىلىلىك بىلەن ئەر-خوتۇن ئىكەنلىكى، ھېسسىيات، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئائىلە تۇرمۇشى زىددىيىتى سەۋەبىدىن شۈ گولىنىڭ لەي فامىلىلىكتىن ئاغرىنىپ، كەينى كەينىدىن ئۇيقۇ دورىسى ۋە توغراش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، لەي فامىلىلىكنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. 2020 -يىلى 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى كەچتە، شۈ گولى ئۆيىدە ئۇخلاشتىن بۇرۇن لەي فامىلىلىكنىڭ ئىچىدىغان سۈتىگە ئۇيقۇ دورىسى سېلىۋەتكەن، لەي فامىلىلىك ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ياتاق ئۆيدىكى كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقاندا، پىلاستىر بىلەن ئاغزىنى ئېتىپ، ياستۇقنى يېپىپ ئېغىز ـ بۇرنىنى بېسىۋېلىپ، لەي فامىلىلىكنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كېيىن، شۈ گولى لەي فامىلىلىكنىڭ جەسىتىنى تازىلىق ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ پارچىلاپ، ئاز-ئازدىن ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتكەن. دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار شۇگولى ساختا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كىشىلەرگە لەي فامىلىلىكنى يوقاپ كەتتى دەپ يالغان ئېيتىپ، تەھقىقلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. شۇ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەھەللىدىكى كۆلچەكتىن لەي فامىلىلىكنىڭ بىر قىسىم بەدەن توقۇلمىلىرىنى بايقاپ، ئەتىسى شۈ گولىنى قولغا ئالغان.

   سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار شۈ گولى ئائىلە زىددىيىتى سەۋەبىدىن لەي فامىلىلىكنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست، تولۇق، ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئەيىبلىگەن جىنايەت كۈچكە ئىگە. شۈ گولىنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى نورمال، مۇددىئاسى ئېنىق بولۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇددىئاسى بار، پىلانلىق جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان، دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن جىنايەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، يالغان ئۇچۇر توقۇپ چىققان، ئۇنىڭدا ھېچقانداق روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش ئالامىتى يوق. شۈ گولى مەقسەتلىك ھالدا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلەرنى پارچىلاپ، ئىزىنى يوقىتىپ، ساختا ئۇچۇر توقۇپ، جىنايىتىنى يوشۇرغان، سۇبيېكتىپ رەزىللىكى ئىنتايىن ئېغىر، جىنايەت ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، ئىجتىمائىي زىيىنى ئىنتايىن زور، جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. ئۇكەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايى قىلمىشتىكى دەۋاگەرنىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىغا قارىتا ئىقتىسادىي زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى، ئامما ۋەكىللىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى دېلونىڭ ھۆكۈمىنى بىللە ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ