مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كاپىتال مائارىپنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى قايمۇقتۇرۇپ قويمىسۇن

2021.07.26 21:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەشتە يەنە بىر قېتىم مۇھىم خەۋەر كەلدى. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھازىرقى پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى بىر تۇتاش تىزىملاپ، پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات قىلىش لازىم، پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە بىردەك يول قويۇلمايدۇ، كاپىتاللاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئاممىۋى پىكىرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، مەنپەئەت قوغلىشىش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش كاپىتالنىڭ تۈرتكىسىدە بارغانسېرى كۈچەيدى. مەيلى توردا ياكى تور سىرتىدا بولسۇن، كاپىتالنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تاۋارلاشقان ماركېتىڭ ئەندىزىسىنى قوللىنىپ ئېلان بېرىپ، تۆۋەن باھادا بەسلىشىپ، ھەتتا يىغقان ئوقۇش پۇلىنى مەبلەغ قىلىپ سالدى، ھايانكەشلىك قىلدى. يەنە ئايرىم ئاپپاراتلار «ئاق ھۆججەت»، «مائارىپ قەرزى» قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ سېتىشنى تېزلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلدى. بەزى سودا سۇپىلىرى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېلانلىرىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى، ھەتتا ئۇلارنى بەس-بەستە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەشۋىقات ۋە ساختا ئېلانلار ئاز ئەمەس. مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كېتىش ھادىسىسى پات-پات يۈز بېرىۋاتىدۇ.

  «پىكىر»دە جايلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەردىن ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. پارتىيەنىڭ «قوش كېمەيتىش» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «قوش كېمەيتىش» خىزمىتىنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تەدبىرى جايىدا بولمىغان جايلار، تارماقلار، مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ۋىجدان ساھەسىنى مەنپەئەت قوغلىشىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرماسلىق كېرەك، بۇ چوقۇم ساقلاشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەكتۇر.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ