مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لىجيەن: كاناداغا زادى قانچىلىك جىنايەت يوشۇرۇنغان؟

2021.07.16 13:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كانادا برىتانى كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ پېنېراكۇت ئارىلى (ئىلگىرىكى «كۇپېر ئارىلى»)دىكى بىر يەرلىك بالىلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ كونا ئورنى ئەتراپىدا 160تىن ئارتۇق نامسىز قەبرىلەر بايقالغان.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 15- ئىيۇل مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. نامسىز قەبرىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بايقىلىشىغا ئەگىشىپ، كانادادىكى ئېغىر سىستېمىلىق ئىرقچىلىق مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلاندى. كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا كانادادىكى نامەلۇم يەر ئاستىغا زادى قانچىلىك جىنايەت يوشۇرۇنغاندۇ؟ دەپ سورىشىدۇ.

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: قاتتىق دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدا، كانادا ھۆكۈمىتى ھەمىشە ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ھەتتا كاتولىك دىنى جەمئىيىتىگە مەسئۇلىيەتنى تاشلاپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا كانادا تەرەپ ھەمىشە ئۆزىنى ئاقلاپ، تەدبىر قوللىنىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىزدەش كېرەك، دەيدۇ-يۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئاز بولىۋاتىدۇ، بۇ خىل پەقەت ئاغزىدىلا بار،ھەرىكىتى يوق بولۇش پەقەت ئەسلىدىكى ئاھالىلەرگە تېخىمۇ چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا كانادا تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ساختا قىياپىتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. كانادا تەرەپ خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ خورلاش، كەمسىتىشكە ئۇچراش مەسىلىسىگە قارىتا ھەقىقىي ئەھۋالنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ زىيىنى تولۇقلاپ بېرىپ، ئۆزىدە ساقلانغان سىستېمىلىق ئىرقچىلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ