مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

48 دۆلەت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىلىرىگە ئالاقە ئەۋەتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى

2021.07.16 13:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، 48 دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروسقا خەت ئەۋەتىپ، دۇنيا مىقياسىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى.

  بۇ دۆلەتلەر خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋىرۇس ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ، مەنبە تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئىنسانلار بىلەن ۋىرۇس ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. 73-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارىغا ئاساسەن، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى مەقسەت ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ۋە ئىنسانلارغا تارقىلىش يوللىرىنى تېپىپ چىقىش، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئارىلىقتىكى پارازىت غوجايىنىنىڭ پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغان روللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش بىر تۈرلۈك ئىلمىي ۋەزىپە بولۇپ، ئۇنى ئالىملارنىڭ يەر شارى مىقياسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەك، بولمىسا خەلقئارا مەنبەنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىقى ۋە يەر شارىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

  بۇ دۆلەتلەر خېتىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى ئالىملارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بۇ ئىلمىي دوكلات دۇنيانىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە يېتەكچىسى بولۇشى كېرەك، دەپ قاراپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنيانىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ سىياسىي ئامىللارنىڭ كاشىلىسىدىن ساقلىنىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ