خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، پارلامېنت، خەلقئارا تەشكىلات، ئەلئارا تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، دوستانە زاتلار ھەمدە چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو چىياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن ئىبارەت كىشىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا، مەركەز رەھبەرلىرىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىمۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
2021 - يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ