مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2021.07.16 09:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن ـ ئاخىر «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى، ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى، ئادىل سوت قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغدىدى؛ پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاز ـ كۆپ بولۇشى، تارىخىنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى، تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن بولۇشى، ئۆرپ ـ ئادىتىدە پەرق بولۇشى قاتارلىقلاردىن قەتئىينەزەر ھەممىسى باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئورتاق ھالدا دۆلەت ئىشلىرىغا قاتناشتى، يەرلىك ئىشلارنى باشقۇردى، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى.

  ئىقتىسادىي ھوقۇق ـ مەنپەئەت جەھەتتە، ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما سالمىقى سىجىل ئېشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئورتاق ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلەندى. مەدەنىيەت ھوقۇق ـ مەنپەئىتى جەھەتتە، شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، ساغلاملىق كاپالىتى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللار، بالىلار تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇن بويىچە قوغدالدى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق ـ مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ