مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

300 مىڭ يۈەن تاپشۇرسىلا ياخشى ئالىي مەكتەپكە تولۇقلاپ قوبۇل قىلدۇرغىغىلى بولامدۇ؟ راستىنلا ئىشىنىدىغانلار چىقتى...

2021.07.15 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا ياردەم قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ 300 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. يېقىندا، ۋاڭ فامىلىلىك ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، فۇجيەن ئۆلكىسى جاڭجوۋ شەھىرى لۇڭخەي رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

  2020-يىلى 8-ئايدا، قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، خۇاڭ ئەپەندى قىزىنىڭ ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەن. خۇاڭ ئەپەندى دوستىنىڭ تاسادىپىي تونۇشتۇرۇشى بىلەن ۋاڭ فامىلىلىك بىلەن تونۇشقان. تاشقى قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان ۋاڭ فامىلىلىك يالغان سۆزلەپ، مۇناسىۋەت تورىنىڭ بارلىقىنى، خۇاڭ ئەپەندىنىڭ قىزىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئالىي مەكتەپكە تولۇقلاپ ئالدۇرۇشقا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى، لېكىن ئازراق «رەسمىيەت ھەققى» لازىملىقىنى ئېيتقان. كېڭىشىش ئارقىلىق خۇاڭ ئەپەندى ۋاڭ فامىلىلىككە 300 مىڭ يۈەن بېرىشكە، ۋاڭ فامىلىلىكنى ئۆزىنىڭ قىزىنى مەلۇم ئالىي مەكتەپكە تولۇقلاپ ئالدۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان.

  شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى خۇاڭ ئەپەندى بانكا كارتىسى ئارقىلىق 300 مىڭ يۈەننى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ ھېسابىغا يۆتكىگەن، ۋاڭ فامىلىلىك ھۆججەت بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە ئەگەر خۇاڭ ئەپەندىنىڭ قىزى مەكتەپكە كىرەلمىسە، پۈتۈن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن، كېيىن پۇلنى شەخسىي قەرزىنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن. قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قولىغا ئالالمىغان خۇاڭ ئەپەندى پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ۋاڭ فامىلىلىك كۆپ قېتىم «مەكتەپ بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ»، دېگەننى باھانە قىلغان، كېيىن يالغانچىلىقىنى يوشۇرالمىغاندا خۇاڭ ئەپەندىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەن. كېيىن خۇاڭ ئەپەندى ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ۋاڭ فامىلىلىك قولغا ئېلىنغان.

  پىروكۇرورلار كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن، ئىمتىھان ئارقىلىق قۇبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش لازىم، قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشنى ئۆلچەم قىلىش، ئالدامچىلارغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەسلىك لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ